سومالى دېڭىز تەۋەلىكىدە خىتاينىڭ بېلىقچىلىق پاراخوتى بۇلاندى

سومالى دېڭىز تەۋەلىكىدە خىتاينىڭ بېلىقچىلىق پاراخوتى بۇلانغان بولۇپ، خىتايدىن بەش مىليون دوللار تەلەپ قىلىنغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، سومالى دائىرىلىرى 6-دېكابىر خىتاينىڭ بىر بېلىقچىلىق پاراخوتىنىڭ سومالىنىڭ شەرقىي شىمال دېڭىز قىرغىقىدا بۇلانغانلىقىنى، پاراخوتتا 18 خادىم بارلىقىنى ئېلان قىلغان.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى سومالى ئەمەلدارىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ ئېيتىشىچە، بۇ پاراخوت ھازىر پاتلەند يېرىم ئاپتونومىيەلىك ئىشتاتنىڭ شافۇن رايونىدا دېڭىز قىرغىقىدىكى قوراللىق گۇرۇپپا تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلماقتىكەن. پاراخوتنى بۇلىغۇچىلار AK-47 تىپلىق ئاپتومات، پىلىموت قاتارلىق قوراللار بىلەن قوراللانغان.

ياۋروپا ئىتتىپاقى دېڭىز قاراقچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن قۇرۇلغان دېڭىز ئارمىيەسى «ئاتلانتا ھەرىكىتى» پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ: «پاراخوتتا 18 پاراخوت خادىمى بار بولۇپ، ھازىرغىچە ھېچكىم يارىلانمىغان. تەكشۈرۈشتىن كېيىن، بۇ ۋەقە دېڭىزدا قوراللىق بۇلاڭچىلىق قىلىش ۋەقەسى دەپ بېكىتىلدى» دېيىلگەن.

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، پاراخوتنى بۇلىغۇچىلار دەسلەپتە خىتايدىن بەش مىليون دوللار تەلەپ قىلغان، ئەمما كېيىن بىرەيلەن بىر مىليون دوللار بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، بىراق رەت قىلىنغان. ئەمما سومالى دائىرىلىرى بۇ ئۇچۇرنى دەلىللىمىگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1638 قېتىم كۆرۈلدى
07/12/2024 16:37:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق