ياپونىيە فىلىپپىننى 10 مىليون دوللارلىق ياردەم بىلەن تەمىنلىدى

ياپونىيە فىلىپپىننى 10 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن كۆپرەك ياردەم بىلەن تەمىنلىگەن بولۇپ، بۇ ئارقىلىق دېڭىزدىكى بىخەتەرلىك ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى مەقسەت قىلغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيە بىلەن فىلىپپىن 5-دېكابىر 10 مىليون 650 مىڭ دوللار قىممىتىدىكى بىخەتەرلىك ياردىمى كېلىشىمى ئىمزالىغان. بۇ كېلىشىم ياپونىيەنىڭ رايونلۇق بىخەتەرلىك ياردەم پىروگراممىسىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن. فىلىپپىن بۇ مەبلەغنى ئىشلىتىپ، جەنۇبىي دېڭىزدىكى ۋەزىيەتنىڭ ناچارلىشىشىغا تاقابىل تۇرۇپ، دېڭىز-ئوكيان بىخەتەرلىكى ۋە نازارەت قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدىكەن.

ئامېرىكىنىڭ ئاسىيادىكى ئەڭ يېقىن ئىتتىپاقدىشى بولغان ياپونىيە ۋە فىلىپپىن خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئىگىلىك ھوقۇقى دەۋاسىدا خىتاينىڭ تاجاۋۇزچىلىق مەيدانىغا قاتتىق پوزىتسىيە تۇتقان. يېڭىدىن ئىمزالانغان ياپونىيە-فىلىپپىن بىخەتەرلىك ياردەم كېلىشىمىگە ئاساسەن، ياپونىيە فىلىپپىن دېڭىز ئارمىيەسىنى بىر قىسىم پاراخوت ۋە دېڭىز قىرغىقى رادار سىستېمىسى قاتارلىق ئۈسكۈنىلەر بىلەن تەمىنلەپ، دېڭىز تەۋەلىكىدىكى سەزگۈلۈك ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىكەن.

ياپونىيە كيودو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۆتكەن يىلى ياپونىيە فىلىپپىننى تەخمىنەن تۆت مىليون دوللار قىممىتىدىكى بەش يۈرۈش دېڭىز قىرغىقىنى نازارەت قىلىش رادارى بىلەن تەمىنلىگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، فىلىپپىن ھاۋا ئارمىيەسى بوشلۇقنى نازارەت قىلىش رادار سىستېمىسىغا ياردەمچى ئۈسكۈنىلەرنى سەپلەپ، بىخەتەرلىك ۋە نازارەت قىلىش ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ئۆستۈرىدىكەن. فىلىپپىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا: «كۈچەيتىلگەن بىخەتەرلىك ھەمكارلىقى ياپونىيە بىلەن فىلىپپىننىڭ رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش مەسىلىسىدىكى ئورتاق ۋەدىسىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ» دېگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1954 قېتىم كۆرۈلدى
07/12/2024 16:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق