خىتاي شىركىتى TikTok نىڭ نارازىلىق ئەرزى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتى

خىتاينىڭ قىسقا سىن ھەمبەھرىلەش سۇپىسى TikTok نىڭ ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ شىركەت ھەققىدىكى چەكلەش قانۇنى ماقۇللىغانلىقىغا قارشى سۇنغان نارازىلىق ئەرزى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا نارازىلىق سوتى 6-دېكابىر رەسمىي ھۆكۈم چىقىرىپ، ئامېرىكا پارلامېنتى بۇ يىلنىڭ بېشىدا ماقۇللىغان «ئامېرىكىلىقلارنى رەقىب دۆلەتلەرنىڭ كونتروللۇقىدىكى ئەپ دېتاللىرىنىڭ زىيانكەشلىكىدىن قوغداش قانۇنى»نىڭ ئامېرىكا ئاساسىي قانۇنى قوغداۋاتقان پىكىر ئەركىنلىكىگە زىت ئەمەسلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن ۋە TikTok نارازىلىق ئەرزىنى رەت قىلغان.

مەزكۇر قانۇندا TikTok سۇپىسىنىڭ خىتاي كوممۇنىست رېجىمى تەرىپىدىن كونترول قىلىنىدىغانلىقى، ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن، TikTok نىڭ باش شىركىتى بايت دەنسنىڭ 2025-يىلى 19-يانۋاردىن بۇرۇن ئامېرىكىدىكى تارمىقىنى سېتىۋېتىپ، باش شىركەتتىن ئايرىشى كېرەكلىكى، ئۇنداق قىلمىسا TikTok نىڭ ئامېرىكىدا پۈتۈنلەي چەكلىنىدىغانلىقى بېكىتىلگەنىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي TikTok بۇ ھەقتە نارازىلىق ئەرزى سۇنغانىدى.

كۆپلىگەن پارلامېنت ئەزالىرى نارازىلىق سوتى چىقارغان ھۆكۈمنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، بۇنى «ئامېرىكا خەلقىنىڭ، TikTok ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ غەلىبىسى ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يېڭىلىشى» دەپ سۈپەتلىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە TikTok نىڭ ئامېرىكىدىكى ئىشلەتكۈچىلىرى 170 مىليونغا يەتكەن بولۇپ، خىتايغا تەۋە مەزكۇر ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسىنىڭ شەخسىي ئۇچۇر توپلىشى، خىتاي رېجىمىنىڭ ساختا تەشۋىقاتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى ھەققىدىكى ئەندىشىلەر ۋە تەنقىدلەر داۋاملاشماقتا.

ھازىرغا قەدەر ئامېرىكا، تۈركىيە، ھىندىستان، پاكىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەتلەردە TikTok ئەپ دېتالى پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن چەكلەنگەن. خىتاي ۋە TikTok نىڭ باش شىركىتى بۇ ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، مەزكۇر سۇپىدىن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى پاش قىلىدىغان مەزمۇنلارنىڭ ئۆچۈرۈلۈشى، پائالىيەتچىلەرنىڭ ھېسابلىرىنىڭ تاقىۋېتىلىشى قاتارلىق قىلمىشلار بۇ ئەيىبلەشلەرنىڭ رېئاللىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

بۇ خەۋەر 1869 قېتىم كۆرۈلدى
07/12/2024 16:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق