خىتاي بېنگال مۇسۇلمانلىرىنىڭ كۆزىنى بوياشقا ئۇرۇندى

بېنگال ئىسلام پارتىيەلىرى بىرلەشمە ۋەكىللەر ئۆمىكى ئالدىنقى ئاينىڭ ئاخىرىدىن 4-دېكابىرغىچە شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلغان بولۇپ، خىتاي ئەمەلدارلىرى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى پەردازلاپ، كۆز بوياشقا ئۇرۇندى.

ئۈرۈمچىگە بارغان بېنگال زىيارەت ئۆمىكىنى ما شىڭرۈي ۋە باشقا قورچاق ئەمەلدارلار كۈتۈۋالغان بولۇپ، ئۇ بۇرۇنقىدەكلا ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئىنكار قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندا خەلقنىڭ بەخت-سائادەت ئىچىدە، خۇشال-خۇرام ياشاۋاتقانلىقىنى، تۈرلۈك ھوقۇقلىرىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنى قانۇن بويىچە ئىجرا قىلغانلىقىنى ئېيتىپ بىلجىرلىغان.

ئۇ يەنە بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە خىتايغا قارا چاپلاۋاتقانلىقىنى، بېنگال ھەيئىتىنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارەت ئارقىلىق ھەقىقىي ئەھۋالنى ئىگىلىگەنلىكىنى دەۋا قىلغان.

بېنگال مۇسۇلمانلىرى ئىزچىل تۈردە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ھەر يىلى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنىگە ئوخشاش ئالاھىدە كۈنلەردە تۈرلۈك نامايىشلارنى تەشكىللەپ، خىتاينىڭ جىنايىتىنى ئەيىبلەپ كەلمەكتە. خىتاي بۇ قېتىم بېنگال ئىسلام پارتىيەلىرى ئۆمىكىنى تەكلىپ قىلىپ، ساختا كۆرۈنۈشلەر ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى، ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى تېررور سىياسىتىنى پەردازلاشقا، بېنگال خەلقىنىڭ كۆزىنى بوياشقا ئۇرۇندى.

بۇ خەۋەر 4293 قېتىم كۆرۈلدى
06/12/2024 16:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق