ئامېرىكا ئالەم بوشلۇقى قىسىملىرى خىتاينىڭ رايوندىكى تەھدىتلىرىنى توسۇش ئۈچۈن، ياپونىيە پايتەختى توكيودىكى بازىدا ئالەم بوشلۇقى ھەربىي قىسمى قۇردى.
كىيودو خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ 4-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى تەسىرىنى كۈچەيتىشى ۋە شىمالىي كورىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەھدىتلىرىنى نەزەردە تۇتقان ياپونىيە ئىتتىپاقدىشى ئامېرىكا بىلەن ھەربىي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتكەن.
ئامېرىكا ئالەم بوشلۇقى قىسىملىرىنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان قوماندانى گېنېرال مايور ئانتونى ماستالىر مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، توكيودىكى يوكوتا ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا ئالەم بوشلۇقى پائالىيەتلىرىگە مەسئۇل ھەربىي قىسىم قۇرغانلىقىنى، بۇنىڭدىكى ئاساسلىق مەقسىتىنىڭ شىمالىي كورىيە ۋە رۇسىيەگە ئوخشاش داۋاملىشىۋاتقان تەھدىتلەردىن باشقا، خىتاينىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى مۇقىملىققا تەھدىت سېلىش مەقسىتىدىكى تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكەتلىرىنى چەكلەش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ باياناتىدا يەنە: «ئامېرىكا-ياپونىيە ئىتتىپاقى بۇرۇنقىدىنمۇ كۈچەيدى ۋە ھازىر ئالەم بوشلۇقىدا تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى قوغداشقا تەييار. ھەربىي قىسىم ياپونىيەنىڭ ئالەم بوشلۇقىنى كۆزىتىش ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلاردىن ئاگاھلاندۇرۇش ئىقتىدارىنى يۈكسەلدۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە مەسلىھەت بېرىدۇ» دېگەن.
ئامېرىكا ئالەم بوشلۇقى قىسمى بولسا ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىگە تەۋە بولۇپ، توكيودا قۇرۇلغان ھەربىي قىسىم ياپونىيەنىڭ ھاۋا مۇداپىئە قىسىملىرى بىلەن ماسلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىكەن.