خىتاي ئامېرىكىدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن، كەم ئۇچرايدىغان مىنېرال ماددىلارنىڭ ئامېرىكا ئېكسپورت قىلىنىشىنى چەكلىدى.
نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي 3-دېكابىر بىر قىسىم ئاز ئۇچرايدىغان مىنېرال ماددىلارنىڭ ئامېرىكىغا ئېكسپورت قىلىنىشىنى چەكلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئالدىنقى كۈنى بايدېن ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىلغار تېخنىكىغا ئېرىشىشىگە بولغان چەكلىمىلەرنى كۈچەيتكەن بولۇپ، خىتاي بۇ مەسىلىدە ئامېرىكىدىن ئۆچ ئېلىشنى پىلانلىغان.
خىتاي سودا مىنىستىرلىقى گاللىي، گېرمان، ئانتىتېلا ۋە دەرىجىدىن تاشقىرى قاتتىق ماتېرىياللارنىڭ ئامېرىكىغا سېتىلىشىنى دەرھال توختىتىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ھەربىي ۋە پۇقراۋى ئىككى تۈردە ئىشلىتىلىدىغان بۇيۇم ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، گرافتنىڭ ئېكسپورتى تېخىمۇ كۆپ تەكشۈرۈلىدىكەن.
خىتاي يەرشارىدىكى كۆپلىگەن تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ يادروسى بولۇپ، تىرامپنىڭ بىرىنچى قېتىملىق ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىدە ئېكسپورتىغا زەربە بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، ئامېرىكىدىن باشقا دۆلەتلەردىن مەھسۇلات سېتىۋېلىش قاتارلىق چەكلىك ھەرىكەتلەرنى قوللىنىپ باققان، ئەمما نۆۋەتتە خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بولۇپ سايلانغان دونالد تىرامپنىڭ كېلەركى مەزگىلدە تېخىمۇ قاتتىق سىياسەتلەرنى يولغا قويۇشى مۇمكىنلىكىدىن ئەندىشە قىلماقتىكەن.
ئامېرىكا سودا مىنىستىرى رايموندو 1-دېكابىردىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قارىتا ئۆزەك چەكلىمىسىنى زور كۆلەمدە كېڭەيتىشى ھەققىدە توختىلىپ: «بۇ ھەرىكەت ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ ھەربىي ئىشلىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتىكى ئەڭ ئىلغار ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئۈچۈن قوللانغان ئەڭ قاتتىق كونترول تەدبىرلىرىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ھۆكۈمەت مۇتەخەسسىسلەر، كەسىپ ساھەسىدىكىلەر ۋە ئىتتىپاقداشلار بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىپ، بۇ ھەرىكەتنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغدىشىغا، شۇنداقلا كۈتۈلمىگەن سودا ئاقىۋىتىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىدۇ» دېگەنىدى.
ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ ئىلغار كومپيۇتېر ئۆزىكىنى سېتىۋېلىشى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئامېرىكىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىدىكەن. بۇ ئۆزەكلەر تور ھۇجۇمى قوزغاش، يېڭى قورال لايىھەلەش، كۆزىتىش سىستېمىسى بەرپا قىلىش ۋە ئارمىيەنىڭ چەت ئەل ھۇجۇمىغا توغرا ۋە تېز ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرەلەيدىغان سۈنئىي ئەقىل ۋە دەرىجىدىن تاشقىرى كومپيۇتېرنى ھەرىكەتلەندۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم ئىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ