خىتاي كورىيەدىكى پۇقرالىرىنى بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىشقا چاقىردى

كورىيە پىرېزىدېنتى دۆلەت تەۋەلىكىدە جىددىي ھالەت ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ كورىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى خىتايلارنى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىشنى ئەسكەرتتى.

كورىيە پىرېزىدېنتى يون سۇك يېئول 3-دېكابىر كەچتە جىددىي ھالەت ئېلان قىلغان بولۇپ، بارلىق سىياسىي پائالىيەتلەرنى چەكلىگەن. بۇ 40 نەچچە يىلدىن بۇيان كورىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تۇنجى قېتىم جىددىي ھالەت ئېلان قىلىشى بولۇپ، پۈتۈن دۇنيانى ھەيران قالدۇرغان. پىرېزىدېنت يون سۇك يېئول بۇ قارارنىڭ دۆلەتكە قارشى كۈچلەر ۋە شىمالىي كورىيەنىڭ تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن چىقىرىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. پىرېزىدېتنىڭ بۇ قارارىغا ئۆكتىچى پارتىيەلەر قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن. ئەمما بىر نەچچە سائەتتىن كېيىن جىددىي ھالەتنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

كورىيە پىرېزىدېنتلىق ئىشخانىسى بۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، پىرېزىدېنت يۇن سۇكيېئولنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كىم يوڭخيۇننىڭ ئىستېپاسىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مۇداپىئە مىنىستىرى كىم يوڭخيۇن 4-دېكابىر يازما بايانات ئېلان قىلىپ، جىددىي ھالەت سەۋەبىدىن خەلقنى ئەندىشىگە سالغانلىقى ۋە قالايمىقانچىلىقلارنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولغانلىقى ئۈچۈن خەلقتىن ئەپۇ سورىغانىدى.

خىتاينىڭ كورىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى كورىيەدىكى خىتاي پۇقرالىرىغا سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە دىققەت قىلىشنى، بىخەتەرلىك ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى، زۆرۈر بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا سىرتقا چىقىشنى ئازايتىشنى، سىياسىي پىكىرلەرنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن بايان قىلىشنى ئەسكەرتكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2018 قېتىم كۆرۈلدى
05/12/2024 14:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق