خىتاي دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى بىلەن فىلىپپىن دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى 4-دېكابىر جەنۇبىي دېڭىزدىكى تالاش-تارتىش قىلىنىۋاتقان سىكاربورو ئارىلى ئەتراپىدا توقۇنۇشۇپ قالغان بولۇپ، خىتاي پاراخوتى فىلىپپىن پاراخوتىغا يۇقىرى بېسىملىق سۇ زەمبىرىكى بىلەن ھۇجۇم قىلغان.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ھەر ئىككى تەرەپ بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلغان بولۇپ، فىلىپپىن خىتاي پاراخوتىنى «تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتى» بىلەن ئەيىبلىگەن. خىتاي بولسا فىلىپپىن پاراخوتى خەتەرلىك يېقىنلاشقانلىقى ئۈچۈن، يوللۇق تەدبىر قوللانغانلىقىنى دەۋا قىلغان.
فىلىپپىن دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت پاراخوتى خىتاي دېڭىز ئارمىيەسى پاراخوتلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن، 4-دېكابىر سىكاربورو ئارىلىنىڭ جەنۇبىغا تەخمىنەن 30 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا فىلىپپىن چارلاش پاراخوتىنى قەستەن ياندىغان ۋە كۈچلۈك سۇ زەمبىرەكلىرىنى ئېتىپ، پاراخوتنى توسۇشقا ئۇرۇنغان.
ۋەقەدىن كېيىن خىتاي ئۆز تېررىتورىيەسىگە تەۋە دېڭىز رايونىدا ھەرىكەت قىلغانلىقى، فىلىپپىن پاراخوتىنىڭ خەتەرلىك يېقىنلاشقانلىقى، خىتاي دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن ھەرىكەت قوللانغانلىقى ھەققىدە جار سالغان.
يېقىنقى مەزگىللەردە خىتاينىڭ دېڭىز رايونىدىكى زومىگەرلىك ھەرىكەتلىرى بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان بولۇپ، بۇلتۇر 12-ئايدا فىلىپپىننىڭ بىر قانچە پاراخوتى سىكاربورو ئارىلى ۋە ئىككىنچى توماس ئارىلىغا نەرسە-كېرەك يەتكۈزۈپ بېرىۋاتقاندا، خىتاي پاراخوتىنىڭ سۇ زەمبىرىكى ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانىدى. ئەينى ۋاقىتتا فىلىپپىن ھۆكۈمىتى خىتاي باش ئەلچىسىنى چاقىرتىپ، بۇنىڭغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەنىدى.