ھىندىستان بىلەن خىتاينىڭ ھەربىي تىركىشىشى پەسەيمەكتە

ھىندىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي تىركىشىش بارغانسېرى پەسىيىۋاتقان بولۇپ، يېڭى دېھلى ھۆكۈمىتى ئىككى تەرەپلىك ئىقتىسادىي ۋە سودا مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سۇبراھمانيام جايشانكار 3-دېكابىر ھىندىستان-خىتاي ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا تالاش-تارتىش قىلىنىۋاتقان ھىمالايا چېگرا رايونىدىكى ئورنىدىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشنى تاماملىغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، جايشانكار ھىندىستان پارلامېنتىدىكى سۆزىدە يۇقىرىقى سۆزلەرنى قىلغان. تەخمىنەن ئالتە ھەپتە ئىلگىرى ھىندىستان بىلەن خىتاي تۆت يىلدىن بېرى تالاش-تارتىش قىلىۋاتقان چېگرا رايونىدىكى ئاخىرقى ئىككى نۇقتىدىن چېگرا قوغدىغۇچى ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغان ھەمدە كېلىشىم بويىچە رايوندىن چېكىنىشنى تاماملىغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جايشانكارنىڭ مەزكۇر سۆزى يېقىنقى تۆت يىلدا چېگرا توقۇنۇشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ۋە بۇزۇلغان ھىندىستان-خىتاي ئىقتىسادىي ۋە سودا مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشقا تەييار ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىكەن.

ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئەسكەرلىرى 2020-يىلىدىن 2022-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا بىر نەچچە قېتىم توقۇنۇش رايونىدىن چېكىنىپ چىققان بولسىمۇ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ئىلگىرىكىدەك نورماللاشمىغان. تۆت يىل ئىلگىرى توقۇنۇش يۈز بەرگەندىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ ھەربىي قوماندانلىرى تالاش-تارتىشنى ھەل قىلىش ئۈچۈن 20 نەچچە قېتىم سۆھبەتلەشكەن.

2020-يىلى گالۋان ۋادىسى توقۇنۇشى شەرقىي تۈركىستان-ھىندىستان چېگراسىدا ھىمالايا تېغىدىن ئۆتىدىغان «ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى بەيگىسى»نى قوزغىغان بولۇپ، گالۋان توقۇنۇشىدىن بۇيان، خىتاي 3488 كىلومېتىرلىق ئەمەلىي كونترول لىنىيەسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان بىلەن تىبەت تەرىپىدە قۇرۇلۇشنى تېزلەتكەن ۋە ئەمەلىي كونترول لىنىيەسى ئەتراپىدىكى ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرغان. ئەمما كۆزەتكۈچىلەر خىتاي بىلەن ھىندىستاننىڭ بۇ قېتىملىق يارىشىپ قېلىشىنىڭ ۋاقىتلىق بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 245 قېتىم كۆرۈلدى
04/12/2024 18:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق