بايدېن ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۆزەك سانائىتىگە تېخىمۇ كۆپ چەكلىمىلەرنى قويدى

بايدىن ھۆكۈمىتى 2-دېكابىر ھەربىي تېخنىكا ۋە سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىغا كېرەكلىك ئىلغار ئۆزەكلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، خىتايغا قارىتا ئىلغار تېخنىكا ئېكسپورتى چەكلىمىلىرىنى كېڭەيتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ چەكلەش تەدبىرلىرى خىتايغا بىر قىسىم ئۆزەك ۋە ماشىنىلارنىڭ سېتىلىشىنى چەكلىگەندىن باشقا، 100 دىن ئارتۇق خىتاي شىركىتىنى سودا چەكلىمىسى تىزىملىكىگە كىرگۈزىدىكەن. بۇ ھەرىكەت بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى ئۈچ يىلدا خىتاينى دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار تېخنىكىدىن ئايرىۋېتىشنى مەقسەت قىلىدىغان بىر يۈرۈش قائىدە-نىزاملارنى ئۈچىنچى قېتىم يېڭىلىشى ھېسابلىنىدىكەن.

بۇ قائىدىلەر يەنە كېلەر ئايدا دونالد تىرامپنىڭ پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرۇشىدىن ئىلگىرى بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي تېخنىكىسىنى نىشانلىغان ئەڭ ئاخىرقى تەدبىرى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

ئامېرىكا سودا مىنىستىرى رايموندو يەكشەنبە كۈنىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇخبىرغا: «بۇ ھەرىكەت ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ ھەربىي ئىشلىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتىكى ئەڭ ئىلغار ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئۈچۈن قوللانغان ئەڭ قاتتىق كونترول تەدبىرلىرىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ھۆكۈمەت مۇتەخەسسىسلەر، كەسىپ ساھەسىدىكىلەر ۋە ئىتتىپاقداشلار بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىپ، بۇ ھەرىكەتنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغدىشىغا، شۇنداقلا كۈتۈلمىگەن سودا ئاقىۋىتىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىدۇ» دېگەن.

ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ ئىلغار كومپيۇتېر ئۆزىكىنى سېتىۋېلىش ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئامېرىكىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىدىكەن. بۇ ئۆزەكلەر تور ھۇجۇمى قوزغاش، يېڭى قورال لايىھەلەش، كۆزىتىش سىستېمىسى بەرپا قىلىش ۋە ئارمىيەنىڭ چەت ئەل ھۇجۇمىغا توغرا ۋە تېز ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرەلەيدىغان سۈنئىي ئەقىل ۋە دەرىجىدىن تاشقىرى كومپيۇتېرنى ھەرىكەتلەندۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم ئىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 364 قېتىم كۆرۈلدى
03/12/2024 17:06:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق