خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى لىن جيەن 2-دېكابىر قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىندا مۇخبىرنىڭ ئالاقىدار سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، خىتاينىڭ سۇرىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى بىخەتەرلىك ئاگاھلاندۇرۇشى چىقارغانلىقىنى، نۆۋەتتىكى سۇرىيە ۋەزىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، خىتايلارنىڭ تېزدىن چېكىنىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
لىن جيەن خىتاينىڭ سۇرىيە خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە دىققەت قىلغانلىقىنى، خىتاينىڭ سۇرىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى بىخەتەرلىك ئاگاھلاندۇرۇشى چىقىرىپ، شۇ جايدىكى ھۆكۈمەتتىن خىتاي پۇقرالىرى ۋە ئورگانلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ سۆزىدە: «بىز يەنە سۇرىيەدىكى خىتاي پۇقرالىرىغا بىخەتەرلىك، ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تېزدىن چېكىنىش ياكى نىسپىي بىخەتەر رايونغا يۆتكىلىشنى ئەسكەرتىمىز» دېدى.
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، سۇرىيەنىڭ خاما ئۆلكىسىدە شەھەر مەركىزىدىن ئالتە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى كۈچلىرى بىلەن توقۇنۇشقان ھاكىمىيەتكە قارشى قوراللىق گۇرۇپپىلار يەنە ئالتە ئولتۇراق رايوننى كونترول قىلغان. ئىدلىبتىكى رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ھۇجۇمىدا نەچچە ئون ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان بولۇپ، لاتاكىيەدە مەجبۇرىي ئەسكەر قوبۇل قىلىشنى كۈچەيتكەن ھاكىمىيەت تەرتۇس ئۆلكىسى ۋە لاتاكىيەنىڭ بانياس ۋە سېبىل رايونىدا ئوق ۋە قورال تارقىتىشقا باشلىغان.
سۇرىيەدىكى بەششار ئەسەدكە قارشى قوراللىق گۇرۇپپىلار ھەلەب ۋە ئىدلىب ئۆلكىسىدىن كېيىن داۋاملىق ئىلگىرىلەپ، ھاما ئۆلكىسىدىكى 16 ئورۇننى ئىگىلىگەن. ھەلەبنىڭ شەھەر مەركىزى ۋە پۈتۈن ئىدلىب ئۆلكىسىنىڭ كۆپ قىسمىنى بەششار ئەسەد ئارمىيەسىدىن قايتۇرۇۋالغان قوراللىق گۇرۇپپىلار يەنە ئىدلىبنىڭ جەنۇبىدىكى ھاكىمىيەت كونتروللۇقىدىكى خامانىي، سېلىم، ئېلزاكا، بېرىدىك، كۇببېين، تېل مېلېھ قاتارلىق جايلارنى ئىگىلىگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ