ئامېرىكا-خىتاي مەھبۇسلارنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىگە ئاساسەن ئىجرا قىلىنغان مەخپىي ھەرىكەتتە ئۈچ ئۇيغۇرنىڭ چەت ئەلگە چىقىشقا رۇخسەت قىلىنغان.
نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئەسىر ئالماشتۇرۇش ھەرىكىتىدە خىتاينىڭ ئۈچ ئامېرىكىلىق ئەرنى قويۇپ بەرگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ بىرى ئامېرىكا فېدېراتىپ تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ئۇچۇرچىسى ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكا تۈرمىگە قامالغان ئىككى خىتاي جاسۇس ۋە كەم دېگەندە بىر خىتاي پۇقراسىنى قويۇپ بەرگەنلىكىنى، ئەمما مەھبۇس ئالماشتۇرۇشنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، خىتاي ئۈن-تىنسىز ھالدا ئۈچ ئۇيغۇرنى قويۇپ بېرىشكە قوشۇلغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ بىرى ئامېرىكا پۇقراسى ئىكەنلىكىنى، ئۇلار خىتايدىن ئامېرىكىغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، بىر ھەپتە ئىلگىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي ساقچىلىرى تۇيۇقسىز ئائىشە مامۇت خانىمىنىڭ ئۆيىگە كەلگەن بولۇپ، ئۇلار ئۇنىڭغا نەرسە-كېرەكلىرىنى تەييارلاپ سومكىسىغا قاچىلاشنى ئېيتقان. ئائىشە خانىم خىتاي ساقچىلىرى ئۇنى تۈرمىگە ياكى جازا لاگېرىغا سولىماقچى بولدى، دەپ ئويلىغان؛ نۇرغۇن ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش تاشقى دۇنيادىن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالىدىغانلىقى، بەزىدە نەچچە يىللاپ ئائىلىسىگە كېلەلمەيدىغانلىقى خىيالىغا كەلگەن. ئەمما ئويلىمىغان يەردىن تۆت كۈندىن كېيىن، 73 ياشقا كىرىپ قالغان ئائىشە مامۇت خانىم ئامېرىكىنىڭ ۋىرگىنىيە ئىشتاتىدا 20 يىل كۆرۈپ باقمىغان ئىككى ئوغلى ۋە ئىلگىرى بىر قېتىممۇ كۆرۈپ باقمىغان تۆت نەۋرىسى بىلەن جەم بولغان. ئائىشە مامۇت خانىمنىڭ چوڭ ئوغلى ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ سابىق رەئىسى نۇرى تۈركەل ئەپەندى بولۇپ، ئائىشە خانىمنىڭ چېگرادىن چىقىشى ئىزچىل چەكلىنىپ چەكلىگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بايدېن ھۆكۈمىتى ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىنىڭ ئۇيغۇرلارغا چېتىشلىق قىسمىنى تېخى ئېلان قىلمىغان بولۇپ، نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى بۇ خەۋەرنى تۇنجى قېتىم ئاشكارىلانغان. كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئالغان بولۇپ، پىرېزىدېنت بايدېن شى جىنپىڭ بىلەن بولغان ئىككى قېتىملىق ئۇچرىشىشتا ئائىشە مامۇت خانىمنى تىلغا ئالغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ