ئىستانبۇلدا دىنىي ئىلىملەر ئوقۇغۇچىلىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

30-نويابىر ئىستانبۇلغا جايلاشقان ساباھاتتىن زايىم ئۇنىۋېرسىتېتىدا دىنىي ئىلىملەر كەسپىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىق ماگىستىر ۋە دوكتورانتلارنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

مەزكۇر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، تۈركىيەدىكى ئوخشىمىغان ئۇنىۋېرسىتېتلاردا دىنىي ئىلىملەر بويىچە ماگىستىرلىق ياكى دوكتورلۇق ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان 12 ئوقۇغۇچى تەپسىر، ھەدىس، ئىسلام قانۇنشۇناسلىقى (فىقھى), مەزھەپلەر تارىخى، قىرائەت ئىلمى ۋە دىنىي مائارىپ، تارىخ قاتارلىق ساھەلەر بويىچە ئۆزىنىڭ ئىلمىي ماقالىلىرىنى تەقدىم قىلدى.

ئوقۇغۇچىلار تۆت گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، تەرتىپ بويىچە لېكسىيە سۇنغان بولۇپ، ھەربىر باسقۇچ ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ تېمىغا ئالاقىدار سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

يىغىنغا ئۆلىمالار، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان بىر تۈركۈم ئۇيغۇر خەلقى ئىشتىراك قىلدى. بىر كۈن داۋاملاشقان يىغىننىڭ ئاخىرىدا، ماقالە سۇنغان ئوقۇغۇچىلارغا تەقدىرنامە تارقىتىپ بېرىلدى.

بۇ خەۋەر 854 قېتىم كۆرۈلدى
02/12/2024 18:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق