1-دېكابىر مالايشىيادا ئۆتكۈزۈلگەن ئىسلام ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنى ماسلاشتۇرۇش يىغىنىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلدى ھەمدە شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق مەسىلىسى ھەققىدىكى چارىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
«مالايشىيا ئىسلام ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ھەمكارلىق كېڭىشى» يىغىنى مالايشىيا پايتەختى كۇئالالۇمپۇردا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ئاممىۋى تەشكىلات ۋەكىللىرى قاتناشقان. يىغىنغا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا ۋاكالىتەن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، بىرلىكنىڭ باش كاتىپى ئابدۇرېشىد ئەمىنھاجى، ئامېرىكىدا پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى ئىشتىراك قىلغان.
يىغىندا ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش چارىلىرىنى بىر قانچە نۇقتىدىن تەپسىلىي تونۇشتۇرغان. ئۇ يەنە شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ۋە ئىسلام دۈشمەنلىكىنى قانداق توختىتىش ھەققىدە بىر قاتار تەدبىرلەرنى، ھەرقايسى تەشكىلاتلارنىڭ بۇ مەسىلىدىكى ۋەزىپىسىنى، بولۇپمۇ ئىسلام دۇنياسىدىكى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانداق ئادا قىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
يىغىندا ئۆمەر قانات خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ۋەھشىيلەرچە ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى، ئىنسانىي ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھەققىدە دوكلات بەرگەن.
يىغىن ئاخىرىدا ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بىلەن ئۆمەر قانات سەھنىدە يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن.
ھىدايەتۇللاھ ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر يىغىنغا ياۋروپا، ئامېرىكا، ھىندىستان، مالايشىيا، ھىندونېزىيە، فىلىپپىن، تايلاند، سىرىلانكا ۋە باشقا ئىسلام ئەللىرىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئىسلامىي تەشكىلاتلار ۋە غەيرىي ئىسلامىي تەشكىلاتلارنىڭ ئىشتىراك قىلغانلىقىنى، يىغىندا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ئاساسى تېما بولغانلىقىنى، پەلەستىن، ئاراكان مەسىلىسىنىڭمۇ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان ۋەكىللىرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ