فىرانسىيەدە ئىككى كىشى ئۆزەك تېخنىكىسى مەخپىيەتلىكىنى خىتايغا سېتىپ بېرىش بىلەن ئەيىبلەندى

فىرانسىيەدە مەخپىي قاتاردىكى ئىلغار ئۆزەك تېخنىكىسىنى خىتاي ۋە رۇسىيەگە ساتقان، دەپ گۇمان قىلىنغان بىر ئەر، بىر ئايال رەسمىي ئەيىبلەندى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 1-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، فىرانسىيە دۆلەتلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تەپتىش مەھكىمىسى ئۆزەك تېخنىكىسىنى خىتايغا سېتىش دېلوغا چېتىشلىق بىر ئەر، بىر ئايالنىڭ تىل بىرىكتۈرۈش جىنايىتى ۋە ئون يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن بولغان جىنايەت سادىر قىلغانلىقى بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئەدلىيە نازارىتى تەرىپىدىن نازارەتكە ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن. دېلوغا چېتىشلىق كىشىلەرنىڭ ئادۋوكاتى مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغان.

فىرانسىيە يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئىلغار تېخنىكا شىركىتى ئومىكنىڭ (Ommic) نامى بىلەن ئاتالغان مەزكۇر دېلودا ئاشكارىلىنىشىچە، ئىككى فىرانسىيەلىك بىلەن ئىككى خىتاي 2023-يىلى 3-ئايدا پارىژدا دېلو تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرۈلگەن.

ئومىك شىركىتى 2018-يىلى جاڭ رودەن ئىسىملىك خىتاي سودىگەر تەرىپىدىن سېتىۋېلىنغان بولۇپ، خىتايدا ئولتۇراقلاشقان مەزكۇر خىتاي فىرانسىيەدە قۇرغان شەخسىي فوندى ئارقىلىق ئومىك شىركىتىنىڭ %94 پېيىنى سېتىۋالغان ۋە بۇ شىركەتنىڭ باش مۇدىرى بولغان. شىركەتنىڭ باش ئورگىنى پارىژغا يېقىن جايدا بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا 100 دىن ئارتۇق خىزمەتچىسى بار ئىكەن. مەزكۇر شىركەت ئىشلەپچىقىرىدىغان ماتېرىيال يېرىم ئۆتكۈزگۈچنىڭ كۈچىنى نەچچە ئون ھەسسە ئۆستۈرىدىغان بولۇپ، 2021-يىلى فىرانسىيە دۆلەت مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئىستراتېگىيەلىك ماتېرىيال قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، 2023-يىلى 24-مارت ئومىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى مارك روچى ۋە بۇ شىركەتنىڭ بىر خىتاي ئەمەلدارى چەت ئەل كۈچلىرىنى دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان پىروگرامما، ھۆججەت ۋە ئارخىپلار بىلەن تەمىنلەش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن. مەزكۇر جىنايەتكە 15 يىللىق قاماق جازاسى ۋە 225 مىڭ ياۋرو جەرىمانە قويۇلىدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 684 قېتىم كۆرۈلدى
02/12/2024 18:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق