خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى، ئىسلام دۈشمەنلىكى مەسىلىسىدە ئافرىقا ئەرەب دۆلەتلىرى ياش سىياسىيونلىرىنىڭ كۆزىنى بوياشقا ئۇرۇندى.
خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى»نىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي، قورچاق ئەمەلدارلاردىن ئەركىن تۇنىياز، ئابدۇرەقىپ تۆمۈرنىياز ۋە باشقا ئەمەلدارلار 29-نويابىر ئۈرۈمچىدە زىيارەتكە كەلگەن ئافرىقا ئەرەب دۆلەتلىرى ياش سىياسىيونلار ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشكەن.
ما شىڭرۈي خىتاينىڭ ساختا تەشۋىقاتلىرىنى تەكرارلاپ: «بىز خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مىللەتلەر سىياسىتى ۋە دىن سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈپ، كىشىلىك ھوقۇقنى كاپالەتلەندۈرۈش سەۋىيەمىزنى ھەر تەرەپلىمە ئۆستۈردۇق» دەپ بىلجىرلىغان.
بۇ قېتىم شەرقىي تۈركىستانغا زىيارەتكە كەلگەن ياش سىياسىيونلار ئىچىدە مىسىر، كومورو، جىبۇتى، لىۋىيە، ماۋرىتانىيە، ماراكەش، سۇدان، تۇنىس قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى بار ئىكەن. خەۋەردە ئەلچىلەرنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارەتتە جەمئىيەتنىڭ ئىناق، مۇقىم ئىكەنلىكىنى، ئىقتىسادنىڭ گۈللىنىپ تەرەققىي قىلغانلىقىنى، خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشاپ خۇشال-خۇرام ئىشلەۋاتقانلىقىنى كۆرگەنلىكىنى ئېيتقانلىقى دەۋا قىلىنغان.
خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بۇيان غايەت زور خىراجەت ئاجرىتىپ، كۆپلىگەن ساياھەت ئورۇنلىرىنى تەسىس قىلغان بولۇپ، چەكلىك ئورۇنلارنى كۆرگەن زىيارەتچى، ساياھەتچىلەر شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئېچىنىشلىق ئەھۋالىنىڭ ئەكسىچە، خىتاينىڭ يالغان تەشۋىقاتىنى ئاڭلىدى. تۈرلۈك زىيارەت ئۆمەكلىرى خىتاينىڭ يالغان تەشۋىقاتىغا ئىشەندى ياكى ماسلاشتى.
ھالبۇكى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، دىنىي باستۇرۇش، جازا لاگېرىغا كەڭ كۆلەملىك قاماش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، سۈرگۈن قىلىش، تۇغۇت چەكلەش، ئۆسمۈرلەرنى ئائىلىسىدىن ئايرىپ مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش... قاتارلىق سانسىزلىغان ۋەھشىيانە جىنايەتلىرىنى ئىزچىل ئىجرا قىلىپ كەلمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ