خىتاي مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئامېرىكىنىڭ تاموژنا بېجىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ۋېيتناغا يۆتكىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.
جەنۇبىي خىتاي سەھەر گېزىتىنىڭ 29-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندىن بېرى ۋىيېتنام تېخىمۇ كۆپ چەت ئەل شىركەتلىرىنى جەلپ قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، بۇ شىددەت بىلەن ئۆرلەش 2018-يىلى ئامېرىكا خىتاي ئىمپورت ماللىرىغا تاموژنا بېجى قويغاندا باشلانغان بولۇپ، نۇرغۇن خىتاي شىركەتلىرى ئىقتىسادىي خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ۋىيېتنامدا تىجارەت ئورنى تەسىس قىلىشنى ئويلاشقان.
گەرچە ۋىيېتنام بۇ ئۆزگىرىشلەردىن نەپ ئالغان بولسىمۇ، ئەمما دونالد تىرامپ پىرېزدېنتلىق ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ ئىمپورت ماللىرىدىن تېخىمۇ كۆپ باج ئېلىشنى پىلانلاۋاتقانلىقى سەۋەبلىك، كەلگۈسىدە ئېنىقسىزلىق مەۋجۇت ئىكەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ ۋىيېتنامغا سالغان مەبلىغى كۆرۈنەرلىك ئاشقان. خىتاي يېڭى تۈرلەردە ئەڭ كۆپ چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىغا ئايلانغان بولۇپ، ئومۇمىي مەبلەغنىڭ %30 گە يېقىن نىسبەتنى ئىگىلىگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ