لىتۋانىيە خىتاينىڭ لىتۋانىيەدە تۇرۇشلۇق ئۈچ نەپەر ئەلچىخانا ئەمەلدارىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقارغان بولۇپ، بۇ قارار بالتىق دېڭىزىدىكى سۇ ئاستى كابېلىنىڭ كېسىۋېتىلىش ۋەقەسىگە چېتىشلىق بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، لىتۋانىيە ھۆكۈمىتى 29-نويابىر خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئۈچ خىزمەتچىسىنىڭ قوغلانغانلىقىنى ئېلان قىلغان، ئەمما بۇ ئۈچ دىپلوماتنى قوغلاپ چىقىرىشنىڭ سەۋەبىنى ئېنىق ئېيتمىغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، نويابىر ئېيىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، بالتىق دېڭىزىدىكى شىۋېتسىيە دېڭىز تەۋەلىكىدە ئىككى دېڭىز ئاستى كابېلى كېسىۋېتىلگەن بولۇپ، كابېللارنىڭ بىرى شىۋېتسىيەنىڭ گوتلاند ئارىلىنى لىتۋانىيە بىلەن تۇتاشتۇرىدىكەن. نۆۋەتتە شىۋېتسىيە دېڭىز ئاستى كابېلىنىڭ بۇزۇلۇشىغا قارىتا تەكشۈرۈشنى باشلىغان. دېڭىز قاتنىشىنى نازارەت قىلىش پونكىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، جىنايەت گۇماندارى خىتاينىڭ «يىپېڭ-3» ناملىق پاراخوتى بولۇپ، دەل كابېل كېسىۋېتىلگەندە شۇ رايوندىن ئۆتكەن.
لىتۋانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى جۈمە كۈنىدىكى باياناتىدا: «خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۈچ ئەزاسى لىتۋانىيەدە قارشى ئېلىنمايدىغان شەخسلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلدى» دېگەن.
لىتۋانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى قوغلاپ چىقىرىشنىڭ كونكرېت سەۋەبىنى ئوتتۇرىغا قويمىغان بولۇپ، پەقەت خىتاينىڭ «ۋېنا ئەھدىنامىسى»گە ۋە لىتۋانىيە قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
فىرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي بۇ مەسىلىدە ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدىغانلىقىنى، تەكشۈرۈشكە ھەمكارلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ