خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ئايروپىلانلىرى ياپونىيە دېڭىزىدا بىرلەشمە چارلاش ئۆتكۈزدى

خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرى ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىدە بىرلىكتە ھاۋا چارلىغان.

خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 29-نويابىر خىتاي بىلەن رۇسىيە ياپونىيە دېڭىزىدا بىرلەشمە ھاۋا چارلاش ھەرىكىتى ئىجرا قىلغان. بۇ ئىككى تەرەپنىڭ 2019-يىلىدىن بۇيانقى 9-قېتىملىق ھەرىكىتى بولۇپ، چارلاش ئىككى تەرەپنىڭ يىللىق ھەربىي ھەمكارلىق پىلانىنىڭ بىر قىسىمى ئىكەن. خىتاي بىلەن رۇسىيە ئارمىيەسى بۇ يىل 7-ئايدىكى ئاخىرقى ھەرىكىتىدە، بېرىنگ دېڭىزىدا بىرلەشمە چارلاش ھەرىكىتى ئىجرا قىلغان. بۇنىڭ كۆرۈنەرلىك ئالاھىدىلىكى شۇكى، بۇ ئالياسكىغا يېقىن جايدا ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى قېتىملىق مانېۋىرى بولۇپ، چارلاش جەريانىدا، ئامېرىكا ۋە كانادانىڭ كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى ۋە بومباردىمانچى ئايروپىلاننى توسۇۋالغان.

خىتاي تەرەپ بۇ چارلاشلارنىڭ ھېچقانداق ئۈچىنچى بىر تەرەپنى نىشانلىمايدىغانلىقىنى، بۇ ھەرىكىتىنىڭ نۆۋەتتىكى گېئوپولىتىكىلىق مۇھىتنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، خەلقئارالىق قائىدىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقىنى دەۋا قىلغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، كورىيە بۇ چارلاش ھەرىكىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن بولۇپ، خىتاي ۋە رۇسىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ كورىيە ھاۋا مۇداپىئە رايونىدا تۆت سائەتكە يېقىن ھەرىكەت قىلغانلىقىنى، بۇ جەرياندا بىرەر توقۇنۇش كېلىپ چىقىمىغانلىقىنى ئېيتقان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1078 قېتىم كۆرۈلدى
02/12/2024 18:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق