سۇرىيەدىكى قوراللىق گۇرۇپپىلار ھەلەب شەھىرىنى قولغا كىرگۈزدى

سۇرىيەدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قارشى قوراللىق گۇرۇپپىلار 27-نويابىر ھەلەب شەھىرىگە كەڭ-كۆلەملىك ھۇجۇم باشلىغان بولۇپ، ئەڭ يېڭى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ھەلەب شەھىرىنى ئاساسەن كونترول قىلغان ۋە ھەلەب ۋالىي مەھكىمىسىنى ئىگىلىگەن.

تۈركىيە ئا خەۋەر تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، سۇرىيەنىڭ ھەلەب ۋىلايىتىدە 27-نويابىر تاڭ سەھەردە بەششار ھاكىمىيىتىگە قارشى قوراللىق گۇرۇپپىلار بىلەن بەششار ئەسەد كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش باشلانغان ۋە توختىماي داۋاملاشقان.

ھەيئەت ئەششاب باشچىلىقىدىكى قوراللىق گۇرۇپپىلار قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەلەبنىڭ غەربىدە 32 يېزىنىڭ كونتروللۇقىنى قولغا كىرگۈزگەن. قوراللىق گۇرۇپپىلار 28-نويابىر يەنە ھەلەب بىلەن ئىدلىب ۋىلايەتلىرىدە جەمئىي 24 يېزىنى قولغا كىرگۈزگەن. ئۇلار ھەلەب شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى مەھەللىلەرگە بىر كىلومېتىرغىچە يېقىنلاشقان بولۇپ، تەخمىنەن 400 كىۋادرات كىلومېتىر جاينى ئىگىلىگەن. بۇ جەرياندا قوراللىق گۇرۇپپىلار ھەلەبتىكى نەيراپ ھەربىي ئايرودۇرۇمىغا ئادەمسىز ئۇچقۇ ئاپپاراتلىرى بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، بىر تىك ئۇچارنى پارتلاتقان.

29-نويابىر خەۋەر قىلىنىشىچە، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى كۈچلىرى قوراللىقلارنىڭ ھۇجۇملىرىغا بەرداشلىق بېرەلمەي قېچىشقا باشلىغان بولۇپ، بەششار ئەسەدنىڭ نەچچە ئونلىغان ئەسكىرى ئەسىر ئېلىنغان. قوراللىق گۇرۇپپىلار ھەلەب شەھىرىدىكى تۈرمىلەرنىڭ قۇلۇپلىرىنى چېقىپ تۇتۇپ تۇرۇلغان ئەسىرلەرنى قۇتقۇزغان.

قوراللىق گۇرۇپپىلار كونترول قىلغان رايونلاردا بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئېغىر تىپلىق قورال-ياراغ ئىسكىلاتلىرىدىكى نۇرغۇن ھەربىي ئاپتوموبىل ۋە قورال-ياراغلارنى قولغا چۈشۈرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلغان تەخمىنەن 10 مىڭ پۇقرا ئىدلىب ئەتراپىدا پاناھلانماقتىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1106 قېتىم كۆرۈلدى
02/12/2024 18:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق