ئاۋسترالىيە پارلامېنتى 16 ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىنى ئىشلىتىشىنى چەكلەيدىغان قانۇن ماقۇللىغان بولۇپ، خەلقئارادا تۇنجى بولۇپ ئوتتۇرىغا چىققان بۇ قارار كۈچلۈك تالاش-تارتىش قوزغىدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاۋسترالىيە كېڭەش پالاتاسى 28-نويابىر 16 ياشتىن تۆۋەن بالىلارغا قارىتا ئىجتىمائىي ئالاقە تورىنى چەكلەيدىغان قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىغان بولۇپ، بۇ پات يېقىندا دۇنيا بويىچە بۇ ھەقتە چىقىرىلغان تۇنجى قانۇن بولۇپ قالىدىكەن. مەزكۇر قانۇن لايىھەسى خەلقئارادىكى ئەڭ چوڭ پەن-تېخنىكا شىركەتلىرىگە قويۇلغان ئەڭ قاتتىق بەلگىلىمىنىڭ بىرى بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئەدلىيە تارماقلىرىدا تالاش-تارتىش قىلىنىدىغان مەسىلىگە ئايلىنىدىكەن.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىدە ئەگەر TikTok ، Facebook ، Snapchat ، Reddit ، X ۋە Instagram قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى 16 ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ ھېساب ئېچىشىنى سىستېمىلىق توسۇپ قالالمىغان تەقدىردە، 50 مىليون ئاۋسترالىيە دوللىرىغا يېتىدىغان جەرىمانە قويۇلۇشى مۇمكىن ئىكەن.
ئاۋسترالىيە كېڭەش پالاتاسى بۇ قانۇن لايىھەسىنى 19 ئاۋازنىڭ قارشى تۇرۇشى 34 ئاۋازنىڭ قوللىشى بىلەن ماقۇللىغان. ئاۋام پالاتاسى بولسا بىر كۈن بۇرۇن 102 ئاۋازنىڭ قوللىشى، 13 ئاۋازنىڭ قارشى چىقىشى بىلەن بۇ قانۇن لايىھەسىنى تەستىقلىغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ