خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى كەرىم خان 27-نويابىر سوتچىدىن بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتى رەھبىرى مىن ئاڭ خلايىڭنى قولغا ئېلىش بۇيرۇقى چىقىرىشنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، ئۇنى روھىنگا مۇسۇلمانلىرىغا قارىتا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتە قىسقا بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ قانۇنىي تەرتىپنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. باياناتتا بېرمىنىڭ خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە ئەزا دۆلەت ئەمەسلىكى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ «تىنچ بىللە ياشاش» سىياسىتىگە ئەمەل قىلغانلىقى دەۋا قىلىنغان. مىن ئاڭ خلايڭ 2021-يىلى بېرمىنىڭ سابىق رەھبىرى ئاڭسان سۇكىدىن ھوقۇقنى تارتىۋالغانىدى.
بۇ ئەيىبلەش بېرما ئارمىيەسىنىڭ 2017-يىلى 8-ئايدا قوزغىغان ھەربىي ھەرىكىتىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، بۇ قانلىق باستۇرۇش بىر مىليونغا يېقىن روھىنگا مۇسۇلمانلىرىنىڭ يۇرت-ماكانلىرىنى تاشلاپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تەكشۈرگۈچىلىرى بۇ ھەرىكەتنى تىپىك «ئىرقىي تازىلاش» دەپ سۈپەتلىگەن بولۇپ، بېرما ئەسكەرلىرى، ساقچىلىرى ۋە بۇددىست ئاھالىلىرىنىڭ يىراق راخىن ئۆلكىسىدىكى نەچچە يۈز يېزىنى تۈزلىۋەتكەنلىكى، قاچقان ئاھالىلەرنى قىينىغانلىقىنى، كەڭ كۆلەملىك قەتلىئام ۋە باسقۇنچىلىق ئىجرا قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
بېنگالدىكى مۇساپىرلار لاگېرىدا ياشايدىغان روھىنگا تەتقىقاتچىسى مۇھەممەد زۇبەير بۇ ھەقتە: «مىن ئاڭ خلايڭ بىگۇناھ روھىنگا خەلقىگە قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى تەشكىللەش جىنايىتىگە مەسئۇل بولۇشى كېرەك. ئۇنىڭ قوماندانلىقىدىكى ھەربىيلەر مىڭلىغان روھىنگىيا خەلقىنى ئۆلتۈردى ۋە سان-ساناقسىز قىز-ئاياللارنى دەھشەتلىك ئاياغ ئاستى قىلدى» دېگەن.
بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتىنى قوللاپ، قورال-ياراغ بىلەن تەمىنلەپ كېلىۋاتقان خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى بۇ توغرۇلۇق ئىپادە بىلدۈرۈپ: «خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ ئەزا ئەمەس دۆلەتلەرنىڭ ئۆز زېمىنىدىكى ئىش-ھەرىكەتلىرىنى باشقۇرۇش ھوقۇقى يوق» دەپ جار سالدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ