ئامېرىكا خىتايغا قارشى يادرو ئېنېرگىيەلىك سۇ ئاستى پاراخوتى ئورۇنلاشتۇردى

ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى گۇئام ئارىلىدىكى بازىسىغا تېخىمۇ كۆپ يادرو ئېنېرگىيەلىك سۇ ئاستى پاراخوتى ئورۇنلاشتۇرغان.

خوڭكوڭ خەۋەرلىرى تورىنىڭ 27-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ جىددىي ۋەزىيىتى كۈچىيىۋاتقان بىر مەزگىلدە، ئامېرىكا ۋىرگىنىيە دەرىجىلىك يادرو سۇ ئاستى پاراخوتى «USS مىننېسوتا»نى گۇئام ئارىلىغا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى كۈچەيتكەن. بۇ يادرو ئېنېرگىيەلىك سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ تۇنجى قېتىم مەزكۇر ئىستراتېگىيەلىك بازىغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئىكەن.

ئىلگىرى لوس ئانژېلىستا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان سۇ ئاستى پاراخوتى «USS مىننېسوتا» ھەر خىل ۋەزىپىلەرنى ئورۇندىيالايدىغان بولۇپ، ھىندى تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەربىي تەھدىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن. بۇ ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ئىستراتېگىيەسىدە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى گۇئام بازىسىنىڭ ھەربىي ئۇل ئەسلىھەلىرىنى كۈچەيتىشكە زور مەبلەغ سەرپ قىلغان بولۇپ، بۇنىڭدىكى ئاساسى مەقسەت خىتاينىڭ تەسىرىگە قارشى تۇرۇش ۋە رايون بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 122 قېتىم كۆرۈلدى
28/11/2024 13:57:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق