شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئۇدۇن باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئەت 27-نويابىر تۈركىيە پارلامېنتىنى زىيارەت قىلىپ، بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى.
ھەيئەت ئالدى بىلەن ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى، شۇنداقلا تۈركىيە پارلامېنتى ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى دەريا يانىق خانىمنى زىيارەت قىلغان. سۆھبەت جەرياندا دەريا يانىق خانىمنىڭ بۇ يىل 8-ئايدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ھەققىدە ئېلان قىلغان بايانلىرى ئۈچۈن، ئۇيغۇر خەلقىگە ۋاكالىتەن رەھمەت ئېيتقان.
ئارقىدىن كېلەچەك پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى سەلچۇق ئۆزداغنى زىيارەت قىلغان ھەيئەت سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندىنىڭ يېقىنقى كۈنلەردە تۈركىيە پارلامېنتىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن رەھمىتىنى بىلدۈرگەن.
ھەيئەت يەنە ئىيى پارتىيەسىنىڭ گۇرۇپپا رەئىسى بۇغرا كاۋۇنجۇ، دەۋا پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى مۇستافا يەنەرئوغلى، سائادەت پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇستافا كايا قاتارلىق شەخسلەرنى زىيارەت قىلغان. ھەيئەت بۇ جەرياندا ئىنسان ھەقلىرى جەمئىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن قىلىۋاتقان خىزمەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن، ھەمدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ۋە ئۇنىڭغا قارشى تىرىشچانلىقلارنى مۇزاكىرە قىلغان. ھەيئەت پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تۈركىيە پارلامېنتىدا ھەر ۋاقىت كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ھەيئەت زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بارلىق پارلامېنت ئەزالىرىغا ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتى تەييارلىغان دوكلاتنى سۇنغان بولۇپ، دوكلاتتا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دىنىي ئېتىقادى، مەدەنىيىتى، بارلىق قىممەت قاراشلىرىنى دەپسەندە قىلىش، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋاسىتىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى پۈتۈنلەي يوقىتىشقا ئۇرۇنۇش جىنايەتلىرى دەلىل-ئىسپاتلىق بايان قىلىنغان.
ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئۇدۇن بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى ھەمدە بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بۇ قېتىمقى پارلامېنت زىيارىتىنىڭ ئاساسى مەقسىتى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشنىڭ پەقەت بىر پارتىيەنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك مەسىلىسى ئەمەسلىكىنى، تۈركىيە خەلقى ھەم تۈرك، ھەم مۇسۇلمان بولغانلىقى سەۋەبلىك بارلىق پارتىيەنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش مەسئۇلىيىتى بار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىش بولدى. شۇڭا بىر قانچە پارتىيەنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىنى زىيارەت قىلدۇق. بولۇپمۇ تۈركىيە پارلامېنتى ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى دەريا يانىق خانىمدىن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرى ھەققىدە ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتىنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان دوكلاتلىرىنى ئاساسى مەنبە قىلىشنى تەلەپ قىلدۇق. بۇ مەسىلىدە ئىنسان ھەقلىرىنى ئاساسى تېما قىلغان ئاساستا، قانداق قىلىپ خىتايغا بېسىم قىلىش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان دەپسەندىچىلىك ۋە قىرغىنچىلىقنى يەڭگىللىتىشكە تىرىشىش، پارلامېنت ئەزالىرى ئارىسىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش قىزغىنلىقى يارىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلدۇق».
ئابدۇلئەھەد ئەپەندى يەنە 10-دېكابىر يېتىپ كېلىدىغان خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلماقچى بولغان خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرى ھەققىدىكى يېڭى دوكلاتىنى تونۇشتۇرغانلىقىنى ھەمدە پارلامېنت ئەزالىرىغا پائالىيەتكە قاتنىشىش ھەققىدىكى تەكلىپنامىنى سۇنغانلىقىنى، شۇنداقلا خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزمەكچى بولغان پائالىيەتنى ھەر جەھەتتىن قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئابدۇلئەھەد ئەپەندى كېلەچەك پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىدىن سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندى بىلەن دەريا يانىق خانىمنىڭ ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتى خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئورۇنلاشتۇرىدىغان پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلىدىغانلىقىنى، ھېچبولمىغاندا ۋەكىل ئەۋەتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ