ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق بولۇش بىلەن ئەيىبلىنىپ كەلگەن ۋولكىسۋاگېن شىركىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى زاۋۇتىنى ساتىدىغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستاندىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، گېرمانىيەنىڭ ئاپتوموبىل ماگناتى ۋولكىسۋاگېن شىركىتى 27-نويابىر بايانات ئېلان قىلىپ، ئۈرۈمچىدىكى تارماق زاۋۇتىنى ۋە تۇرپاندىكى سىناق يولىنى خىتاي شىركىتىگە سېتىۋېتىدىغانلىقىنى، بۇ قارارىنىڭ ئىقتىسادىي سەۋەب ۋە ئىستراتېگىيەلىك تەڭشەش سەۋەبلىك بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ۋولكىسۋاگېن شىركىتى ئۇزۇندىن بۇيان كىشىلەرنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولۇپ كەلگەن بولۇپ، بۇنىڭ سەۋەبى شىركەت 2013-يىلى ئۈرۈمچىدە زاۋۇت قۇرغان ۋە خىتايدىكى شېرىكى شاڭخەي ئاپتوموبىل گۇرۇھى ئارقىلىق بۇ زاۋۇتنىڭ پېيىنى ساقلاپ قالغان. مەلۇم بولۇشىچە، ۋولكىسۋاگېن شىركىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى تارمىقىنى شاڭخەي ئاپتوموبىل تەكشۈرۈپ باھالاش تېخنىكىسى تەتقىقات مەركىزى چەكلىك شىركىتىگە سېتىپ بېرىدىكەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ماۋنىڭ بۈگۈن مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، خەلقئارادىكى بىر قىسىم سىياسىي كۈچلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك ھەققىدە ئۆسەك سۆز تارقاتقانلىقى، مەقسىتىنىڭ بولسا شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەرەققىياتىنى توسۇش ئىكەنلىكىدەك سەپسەتىلىرىنى تەكرارلاپ بىلجىرلىدى.
خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، جۈملىدىن مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش جىنايىتى سەۋەبلىك كۈچلۈك تەنقىد ۋە بېسىمغا دۇچ كەلگەن. ئۈرۈمچىدە زاۋۇت قۇرغان ۋە ساقچى دائىرىلىرىنى ئاپتوموبىل بىلەن تەمىنلىگەن ۋولكىسۋاگېن شىركىتىمۇ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ كەلگەنىدى. ئەمما شىركەت بۇ ھەقتە ھېچقانداق ئىسپات تاپالمىغانلىقىنى، زاۋۇتىدا مەجبۇرىي ئەمگەك مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى دەۋا قىلغانىدى.
بۇ يىلنىڭ بېشىدا، گېرمانىيە سودا گېزىتى 2019-يىلى ئاممىباب شىركىتىنىڭ تۇرپاندا تەسىس قىلغان سىناق يول ۋە باشقا يول قۇرۇلۇشلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلىشى مۇمكىنلىكىنى خەۋەر قىلغانىدى. خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتىمۇ بۇ يىل فېۋرال ئېيىدا بىر دوكلات ئېلان قىلىپ، ۋولكىسۋاگېن، تېسلا، تويوتا ۋە بىيادى قاتارلىق خەلقئارالىق ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەتلىرىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەۋجۇت بولۇشتىن ساقلانمىغانلىقىنى تەنقىد قىلغانىدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ