«پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» 27-نويابىر ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغىلى بىر يىلمۇ بولمىغان يېڭى مۇداپىئە مىنىستىرى دوڭ جۈن چىرىكلىك مەسىلىسى بويىچە تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان.
دوڭ جۈن بۇلتۇر 12-ئايدا شى جىنپىڭ تەرىپىدىن خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرى قىلىپ تەيىنلەنگەن بولۇپ، ئەگەر بۇ خەۋەر رەسمىي دەلىللەنسە، دوڭ جۈن يېقىنقى مەزگىلدە خىتاينىڭ بۇ خىل تەكشۈرۈشىگە دۇچ كەلگەن ئۈچىنچى مۇداپىئە مىنىستىرى بولۇپ قالىدىكەن. دوڭ جۈن ھەققىدە باشلانغان تەكشۈرۈشنىڭ نېمە سەۋەبلىك ئىكەنلىكى ھەققىدىكى كونكرېت ئەھۋاللار تېخى ئاشكارىلانمىغان.
خەۋەر قىلىنىشىچە، يېقىندا دوڭ جۈن لائوستا ئۆتكۈزۈلگەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتناشقان، ئەمما يىغىندا ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويد ئوستىن بىلەن كۆرۈشۈشنى رەت قىلغان. بۇ خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال-ياراغ سېتىپ بېرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. دوڭ جۈندىن ئىلگىرىكى مۇداپىئە مىنىستىرى لى شاڭفۇ بۇلتۇر ئۆكتەبىردە ۋەزىپىسىدىن ئېلىنغانىدى. لى شاڭفۇدىن ئىلگىرىكى مۇداپىئە مىنىستىرى ۋېي فېڭخېمۇ چىرىكلىك جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەنىدى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ماۋنىڭ بۈگۈن مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا دۇچ كەلدى ۋە «ئاساسسىز گەپ» دەپلا جاۋاب بەردى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ