خىتاي ئاتالمىش «شىنجاڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش» نامىدىكى ساختا تەشۋىقاتلىرى ئارقىلىق، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ، جۈملىدىن تۈركىيە خەلقىنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولۇۋاتقان شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى پەردازلاشقا ئۇرۇندى.
خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ئاتالمىش «شىنجاڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش» نامىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكىنى تۈركىيەگە ئەۋەتكەن بولۇپ، مەزكۇر ئۆمەك 20-نويابىردىن 24-نويابىرغىچە تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرە ۋە ئىستانبۇلدا تۈركىيەنىڭ ئاساسلىق تاراتقۇلىرى، تۈرك مارمارا فوندى جەمئىيىتى، ۋەتەن پارتىيەسى ئەمەلدارلىرى ۋە باشقا شەخسلەر بىلەن كۆرۈشكەن.
ئۆمەكتە ئاتالمىش «شىنجاڭ ئىسلام جەمئىيىتى»نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ماجىرۇڭ، ئاتالمىش «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى»نىڭ تەتقىقاتچىسى ئاينۇر كاما قاتارلىقلار بار ئىكەن. خىتاي تەشۋىقاتچىلىرى ئەنقەرە ۋە ئىستانبۇلدا كۆرۈشكەن ئورگان ۋە ھەر ساھە كىشىلىرىگە خىتاي رېجىمىنىڭ ئاتالمىش «يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى باشقۇرۇش ئىستراتېگىيەسى»نى تونۇشتۇرغان.
خەۋەر قىلىنىشىچە، مەزكۇر ئۆمەك شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى يالغان تەشۋىقاتلىرى داۋامىدا ھەر قايسى تەرەپلەرنى شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلغان. مەزكۇر ساختا تەشۋىقات پائالىيىتى بىر نەچچە كۈن داۋاملاشقان بولۇپ، بۇ جەرياندا كۆرۈشكەن ھەر ساھە كىشىلىرىگە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى پەردازلاپ تەشۋىق قىلغان.
خىتاي خەلقئارادا كۈنتەرتىپتە تۇرۇۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش جىنايىتىگە قارشى سادالارنى ئۆچۈرۈش ۋە ئۆز جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، بۇ خىل ساختا تەشۋىقاتلىرىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتمەكتە ۋە دائىرىسىنى كېڭەيتمەكتە. شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاندا باستۇرۇش، ھەر خىل باھانىلەر بىلەن تۇتقۇن قىلىش قاتارلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى داۋاملىق ئىجرا قىلماقتا.
ھالبۇكى، خىتاي ئىشغالىيەت تارىخىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ھەرخىل باھانىلەر بىلەن باستۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش»، «شىنجاڭنى مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش»، «دۆلەت ئورتاق تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇش»، «تېررورلۇققا، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە زەربە بېرىش»، «ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش»، «قۇرئان كەرىمنى سوتسىيالىزمغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ شەرھلەش» دېگەن ناملار ئاستىدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئېتىقادىنى، مەدەنىيىتىنى، تىل-يېزىقىنى، ئەنئەنىلىرىنى ئۈزۈل-كېسىل چەكلىدى ۋە ھەرخىل تۆھمەتلەر بىلەن مىليونلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنى جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە قاماپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈپ كەلدى. بۇنىڭ بىلەن بىرگە تۈرلۈك ۋاسىتىلەر بىلەن، ئىسلام دۇنياسى شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ۋە مىللىي قېرىنداشلىرى بولغان تۈرك خەلقى ئالدىدا جىنايەتلىرىنى پەردازلاشقا ئۇرۇنماقتا.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ