كېلەر يىلى 20-يانۋار ئامېرىكىنىڭ پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرىدىغان دونالد تىرامپ 25-نويابىردىكى سۆزىدە ئامېرىكىغا زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ كۆپلەپ ئېقىپ كىرىشى سەۋەبلىك، ئامېرىكىغا ئىمپورت قىلىنغان بارلىق خىتاي مەھسۇلاتلىرىدىن %10 قوشۇمچە تاموژنا بېجى ئالىدىغانلىقى ھەققىدە قەسەم قىلدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تىرامپ ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى «ھەقىقەت ئىجتىمائىي» تورىدا: «مەن خىتاي بىلەن زەھەرلىك چېكىملىك (بولۇپمۇ فېنتانىل) نىڭ ئامېرىكىغا ئېقىپ كىرىش مەسىلىسىنى كۆپ قېتىم مۇزاكىرە قىلدىم، ئەمما ھېچقانداق پايدىسى بولمىدى. خىتاي ۋەكىللىرى ماڭا ئۆزلىرىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ساتقۇچىلارنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە جازالاپ، ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى دېگەنىدى، ئەمما خىتاي ئەزەلدىن دېگىنى بويىچە ھەرىكەت قىلمىدى. زەھەرلىك چېكىملىك ئاساسلىقى مېكسىكا ئارقىلىق دۆلىتىمىزگە ئېقىۋاتىدۇ، بۇ ئەھۋال ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىگە يەتتى. ئامېرىكىغا كىرىۋاتقان زەھەرلىك چېكىملىك توختىغانغا قەدەر، بىز خىتاينىڭ ئامېرىكىغا كىرىدىغان بارلىق مەھسۇلاتلىرىدىن %10 قوشۇمچە تاموژنا بېجى ئالىمىز» دېگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ