خىتاي ئاققۇنلىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈرۈش لىنىيەلىرى داۋاملىق كۆپەيتىلمەكتە

خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇش پىلانىنى ھەسسىلەپ كۈچەيتكەن بولۇپ، بۇنىڭغا ماس ھالدا ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرى ھەمدە خىتايغا تۇتاشقان تاشيوللارنى كۆپەيتىپ، خىتايلارنى شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈرۈپ كېلىش قەدىمىنى تېخىمۇ تېزلەتمەكتە.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ 25-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، قاغىلىق ناھىيەسىدىكى مىردەي ئايرودۇرۇمى ئاتالمىش «شىنجاڭ» ئايرودۇرۇم گۇرۇھىنىڭ قۇرۇلۇش قىلىش، تىجارەت قىلىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشىدىكى تۇنجى ھەممىباب ئاۋىياتسىيە ئايرودۇرۇمى بولۇپ، قاتناش باشلانغاندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاندا رايونىدا «غول لىنىيە بىلەن تارماق لىنىيە تۇتاشقان» بىرلەشمە تىرانسپورت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىكەن.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا 27 پۇقراۋى تىرانسپورت ئايرودۇرۇمى بار بولۇپ، A1 تۈردىكى ھەممىباب ئايرودۇرۇمدىن ئىككىسى، ئەنگە ئېلىنغان B دەرىجىلىك ھەممىباب ئايرودۇرۇمدىن 15ى بار ئىكەن. خىتاينىڭ پىلانىغا ئاساسەن، ئاتالمىش «14-بەش يىللىق پىلان»نىڭ ئاخىرىغىچە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تىرانسپورت ئايرودۇرۇمىنىڭ سانى 37 گە، A1 تۈردىكى ھەممىباب ئايرودۇرۇمنىڭ سانى 19 دىن كۆپرەككە يەتكۈزۈلىدىكەن.

خىتاي يېقىنقى يىللار مابەينىدە مىليونلىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە قاماپ، ياشلارنى خىتاي ئۆلكىلىرى ۋە باشقا رايونلارغا سۈرگۈن قىلىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى ئازايتىپ، ئورنىغا خىتاي ئاققۇنلىرىنى يەرلەشتۈرۈش قەدىمىنى تېزلەتمەكتە ۋە بۇ پىلانىنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئەمەلىيلىشىشى ئۈچۈن، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بىۋاسىتە ھاۋا قاتنىشىنى كېڭەيتمەكتە ۋە شۇنداقلا تۆمۈر يول ۋە تاشيوللارنى خىتايغا بىۋاسىتە تۇتاشتۇرۇپ، ئاققۇنلارنى كۆچۈرۈش ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش سالمىقىنى بارغانسېرى ئاشۇرماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 67 قېتىم كۆرۈلدى
26/11/2024 13:21:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق