چوڭ ھەجىملىك ئەسەر «تەپسىر جەۋھەرلىرى» نەشردىن چىقتى

كۆپلىگەن ئىلمىي ئەمگەكلىرى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىگە تونۇشلۇق بولغان دىنىي ئۆلىما ئۇستاز مۇھەممەد يۈسۈپ قارىھاجىمنىڭ 22 يىللىق ئەمگەك مېۋىسى، چوڭ ھەجىملىك ئەسەر «تەپسىر جەۋھەرلىرى» شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى.

«تەپسىر جەۋھەرلىرى» ناملىق بۇ تەپسىر 2018-يىلى قازاقىستاندا سىلاۋيان يېزىقىدىكى ئۇيغۇر تىلىدا باستۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىك باش مۇپتى سېرىكباي ھاجى ئوراز ئالاھىدە بېغىشلىما يېزىپ بەرگەن ۋە قازاقىستان مۇسۇلمانلىرىغا تەۋسىيە قىلغان. بۇ تەپسىرنى مۇھەممەد يۈسۈپ قارىھاجىمنىڭ قازاقىستاندىكى ئوقۇرمەنلىرى ۋە ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن قازاقىستاندا تونۇلغان كارخانىچى دىلمۇرات قۇزىيوف ئۆز خىراجىتى بىلەن باستۇرۇپ، قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان تەۋەسىدىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىگە ھەقسىز تارقاتقان.

مەزكۇر تەپسىرگە دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، دوكتور ئاتاۋۇللاھ شاھيار، دوكتور ئابدۇرېھىم دۆلەت، ئۇستاز ئابدۇلئەھەد ھاپىز، تىلشۇناس ئالىم ئىسمايىل قادىر، ئۇستاز ئابدۇلجېلىل تۇران، ئۇستاز مۇھەممەد ئەمىن بېشارەت قاتارلىقلار بېغىشلىما يازغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ بۇ ھەقتىكى بايانىدا مۇنۇلار قەيت قىلىندى: «بىرىنچىدىن، بۇ بىر ئۇيغۇر ئالىمى تەرىپىدىن يېزىلغان تەپسىر بولۇپ، تەرجىمە ئەسەر ئەمەس. ئىككىنچىدىن، بۇ تەپسىر خەلقىمىزنىڭ دىنىي ئەقىدىسىنى ساقلاپ قېلىشى ۋە كېلەچەك ئەۋلادلار ئۈچۈن كۆپ پايدىلىق. ئۈچىنچىدىن، مۇئەللىپ تۈرلۈك سەۋىيەدىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئورتاق پايدىلىنىشى ئۈچۈن، تىل ۋە بايان جەھەتتە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئەقلىگە مۇناسىپ يول تۇتقان بولۇپ، بۇ تەپسىر ئومۇم خەلق چۈشىنەلەيدىغان تەرىقىدە چىققان».

ئۇستاز مۇھەممەد يۈسۈپ قارىھاجىم ھازىرغا قەدەر ئىسلام دىنىغا ئالاقىدار 30 دىن كۆپرەك ئەسەر يازغان بولۇپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىپ كەلگەن. جۈملىدىن «دىن ۋە ھايات: 2000 سوئالغا جاۋاب»، «بەخت-سائادەتنىڭ 40 رېتسىپى»، «ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرى»، «ئىسلامدىكى ئائىلە تۈزۈمى»، «ئىسلام ئەخلاقى»، ئىسلام ئەقىدىلىرى»، «ئىلاھىي قورغان»، «مانا بۇ ئىسلام»، «ئىسلامدىكى ئائىلە تۈزۈمى»، «پەرزەنتلىرىمىزنى قانداق تەربىيەلەيمىز»، «ناماز»، «زاكات»، «روزا»، «ھەج ۋە ئۆمرە قوللانمىسى» قاتارلىق ئەسەرلىرى ئەڭ كۆپ تارقالغان دىنىي ئەسەرلەردۇر. «تەپسىر جەۋھەرلىرى» بولسا ئۇستازنىڭ ئەڭ يېڭى ئەمگەك مېۋىسى ھېسابلىنىدۇ.

«تەپسىر جەۋھەرلىرى» ناملىق ئەسەر قەدىمدىن ھازىرغا قەدەر يېزىلغان مۆتىۋەر تەپسىرلەرنىڭ جەۋھەرلىرى سۈزۈپ ئېلىنغان، مۇپەسسىرلەرنىڭ ئەڭ كۈچلۈك قاراشلىرى تاللاپ چىقىلغان، بايانلىرى چۈشىنىشلىك قىلىپ ئىخچاملانغان بىر ئەسەر بولۇپ، ئايەتلەردىن ئېلىنىدىغان ئىبرەت ۋە دەرسلەرنى، شەرىئەت ئەھكاملىرىنى، كۆپلىگەن دىنىي مەسىلىلەرنىڭ بايانىنى، بەزى ھەدىسلەرنىڭ شەرھىنى ۋە ئىسلام تارىخىدىكى مۇھىم ۋەقەلىكلەرنىڭ تەھلىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇ تەپسىر يېقىندا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئىشخانىسىدا ھەقسىز تارقىتىلىدىكەن.

بۇ خەۋەر 102 قېتىم كۆرۈلدى
25/11/2024 18:51:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق