خىتاي يېقىنقى يىللاردا شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە سىستېمىلىق ئىجرا قىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە ماس قەدەمدە، شەرقىي تۈركىستان تارىخىنى، ئۇيغۇر تارىخىنى بۇرمىلاش جىنايىتىنىمۇ ئىزچىل، كۈچەپ داۋاملاشتۇرماقتا. بۇنىڭ جۈملىسىدىن ئالدىنقى ھەپتە ئۈرۈمچىدە ئاتالمىش «خىتاينىڭ تارىختىكى مەركىزىي ھاكىمىيەتلىرىنىڭ شىنجاڭ رايونىنى ئىدارە قىلىشى» تېمىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن.
خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 23-نويابىر ئۈرۈمچىدە ئاتالمىش «شىنجاڭنىڭ تارىخى ۋە تەرەققىياتى: خىتاينىڭ تارىختىكى مەركىزىي ھاكىمىيەتلىرىنىڭ شىنجاڭ رايونىنى ئىدارە قىلىشى» تېمىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ما شىڭرۈي، ئەركىن تۇنىياز قاتارلىق خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋە قورچاق ئەمەلدارلار، شۇنداقلا خىتاي ۋە چەت ئەلدىن كەلگەن بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار قاتناشقان.
مەزكۇر مۇھاكىمە يىغىنىنى ئاتالمىش «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى»، ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ما شىڭرۈي يىغىندا خىتاينىڭ سەپسەتىلىرىنى تەكرارلاپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ خەن سۇلالىسى دەۋرىدە خىتاي تېررىتورىيەسىگە رەسمىي كىرگۈزۈلگەنلىكى، تارىختىكى مەركىزىي ھاكىمىيەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا قارىتا باشقۇرۇش ھوقۇقى يۈرگۈزۈپ كەلگەنلىكى، ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلگەن تارىخىي يادىكارلىقلارنىڭ بۇنى ئىسپاتلايدىغانلىقى ھەققىدە جار سالغان.
مەزكۇر يىغىن جەريانىدا يەنە پاراللېل مۇنبەر ئۆتكۈزۈلگەن. ئالاقىدار خەۋەردە مۇنبەرگە خىتاي، ئەنگلىيە، رۇسىيە، ئىتالىيە، پاكىستان، كىرودىيە، موڭغۇلىيە دۆلىتىدىن كەلگەن 140تىن ئارتۇق مۇتەخەسسىس قاتناشقانلىقى تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، مىلادىدىن ئىلگىرىكى 138-يىلى خەن ۋۇدىنىڭ جاڭ چيەننى غەربىي يۇرتقا ئەلچىلىككە ئەۋەتىش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاننى باشقۇرۇشنى باشلىغانلىقى، كېيىن غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى تەسىس قىلغانلىقى، شۇنىڭدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىختىكى ھەرقايسى سۇلالىلەرنىڭ «ئاتا مىراس زېمىنى»غا ئايلانغانلىقىدەك سەپسەتىلەر نومۇسسىزلارچە ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
خىتاي ئەمەلدارلىرى بۇ قېتىملىق يىغىننى ئۆتكۈزۈشنىڭ ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى»نىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇلازىمەت قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاننى مەڭگۈلۈك يۇتۇۋېلىش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇر تارىخىنى بۇرمىلاشنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان.
خىتاي يېقىنقى يىللاردا غايەت زور خىراجەت ئاجرىتىپ، ئاكادېمىك ساھە ۋە تەشۋىقات ساھەسىنى ئىشقا سېلىپ، بىر تۈركۈم ساختا مۇزېيلارنى تەسىس قىلدى، نۇرغۇنلىغان ھۆججەتلىك فىلىم، كىتاب-ژۇرناللارنى ئوتتۇرىغا چىقاردى، تۈرلۈك يىغىنلارنى ئورۇنلاشتۇردى ۋە بۇ ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان تارىخىنى، ئۇيغۇر تارىخىنى، كىملىكىنى بۇرمىلاشقا، ئىشغالىيەت تارىخى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇشقا، پەردازلاشقا ئۇرۇندى.
ھالبۇكى، چەت ئەلدىكى كۆپلىگەن مۇتەخەسسىسلەر، تەتقىقاتچىلار خىتاينىڭ بۇ خىل ساختىپەزلىكلىرىنىڭ پەقەت خىتايدىكى ساختا تەشۋىقات ۋە مېڭە يۇيۇش ئۈچۈن ئەسقاتىدىغانلىقىنى، خەلقئارا ئىلىم ساھەسىنى ئالدىيالمايدىغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىشغالىيەت تارىخىنى ھەرگىز يوشۇرالمايدىغانلىقىنى تەكىتلەشمەكتە.