يېقىنقى مەزگىللەردە خىتايدا قانلىق ھۇجۇم ۋەقەلىرى كۆپەيگەن بولۇپ، بۇ ئەھۋالدىن جىددىيلەشكەن خىتاي رېجىمى ئاممىۋى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى جىددىي كۈچەيتكەن.
يېقىندىن بېرى خىتاينىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ماشىنا بىلەن باستۇرۇش، پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈشكە ئوخشاش بىر قاتار قانلىق ۋەقەلەر يۈز بەرگەندىن كېيىن خىتاي رېجىمى بارلىق جايلارنىڭ جامائەت بىخەتەرلىكىنى ياخشىلاشنى تەلەپ قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، جىنايەتچىلەرگە تېز سۈرئەتتە قاتتىق زەربە بېرىش ۋە قاتتىق جازالايدىغانلىقىنى دەۋا قىلغان. شۇنىڭ بىلەن يەرلىك دائىرىلەر كوچىلارغا ساقچى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە چارلاشنى كۆپەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتكەن.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بىر ھەپتە ئىلگىرى جياڭسۇ ئۆلكىسى ۋۇشى شەھىرىدە بىر كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن بىر ياش خىتاينىڭ پىچاق بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. ۋەقەدە سەككىز خىتاي ئۆلۈپ، 17 خىتاي يارىلانغان. ۋەقەدىن كېيىن دائىرىلەر جياڭسۇدا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتكەن.
11-نويابىر جۇخەي شەھىرىدە 62 ياشلىق بىر خىتاي تەنتەربىيە سارىيى ئالدىدا چېنىقىۋاتقان كىشىلەرنى ماشىنىسى بىلەن باستۇرغان بولۇپ، ۋەقەدە 35 خىتاي ئۆلۈپ، 43 خىتاي يارىلانغان. بۇلاردىن سىرت يەنە كۆپلىگەن چوڭ-كىچىك قانلىق ۋەقەلەر ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرگەن.
خىتاي رېجىمى بۇ خىل خەۋەرلەرنىڭ تارقىلىشىنى ئىزچىل چەكلەپ كەلگەن بولۇپ، چەت ئەللىك مۇخبىرلارغىمۇ قاتتىق چەكلىمە قويغان. ئالدىنقى ھەپتە ئەنگلىيە ۋە ياپونىيەنىڭ مۇخبىرلىرى جۇخەي شەھىرىدە يۈز بەرگەن ماشىنا ھەيدەپ كىشىلەرنى سوقۇپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى توغرىسىدا نەق مەيدان خەۋەر بەرمەكچى بولغاندا، خىتاي خادىملىرىنىڭ تەرىپىدىن توسقۇنلۇقىغا ۋە زوراۋانلىقىغا ئۇچرىغانىدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ