خىتاينىڭ يېڭى تەكلىپى بېرمىدا تالاش-تارتىش قوزغىدى

خىتاينىڭ خىتاي-بېرما بىرلەشمە بىخەتەرلىك شىركىتى قۇرۇش تەكلىپى بېرمىدا كۈچلۈك تالاش-تارتىش قوزغىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 21-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ يېقىندا بېرىمنىڭ ھەربىي ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلەشمە بىخەتەرلىك شىركىتى قۇرۇش تەكلىپى ئوتتۇرىغا قويۇشى بېرمىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىغان. ئۇلار خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىدۇ، دەپ قارىغان ھەمدە بۇنىڭ ھەربىي ھۆكۈمەتنىڭ بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلالمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلەشكەن.

بېرما گېزىتىنىڭ 8-نويابىردىكى بىر خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتى 22-ئۆكتەبىر 13 كىشىلىك كومىتېت قۇرۇپ، خىتاينىڭ تەكلىپىنى كۆزدىن كەچۈرگەن ھەمدە بىرلەشمە بىخەتەرلىك شىركىتى مەسىلىسى ھەققىدە چۈشىنىش ئەسلەتمىسى تەييارلىغان. بۇ جەرياندا بۇ كومىتېت قورال ۋە بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرىنى ئىمپورت قىلىش قاتارلىق چۈشىنىش ئەسلەتمىسى لايىھەسىنىڭ ئەشيا ئوبوروتىنى باھالاپ چىققان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ پىلاننىڭ بېرىمنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى دەۋا قىلغان.

بېرما كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ قارىشىچە، بۇ تەكلىپ 18-ئۆكتەبىر ماندالايدا تۇرۇشلۇق خىتاي كونسۇلخانىسى بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. بۇ مەسىلە خىتاينىڭ بېرىمنىڭ مۇقىمسىز سىياسىي مۇھىتى داۋام قىلىۋاتقان بىر پەيتتە مەبلەغ سېلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدىكەن.

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر بېرمىلىق مۇتەخەسسىس: «خىتاينىڭ بېرمىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىشى بىر بەلباغ، بىر يول تەشەببۇسىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشتۇر. ھەربىي ھۆكۈمەتنىڭ ئىنقىلابنى كونترول قىلالماسلىقى خىتاينى باشقا تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا مەجبۇر قىلدى» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ خىتاي-بېرما ئىقتىسادىي كارىدورى قارمىقىدىكى نېفىت، تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قۇرۇلۇش تۈرلىرى ئۆكتىچىلەر 2021-يىلى «خەلق مۇداپىئە ئۇرۇشى» ئېلان قىلغاندىن بۇيان، كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ئېغىر تەھدىتكە دۇچ كەلگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 105 قېتىم كۆرۈلدى
23/11/2024 15:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق