چەت ئەلدىكى موڭغۇللار ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ «جەنۇبىي موڭغۇلىيە ئىنسان ھەقلىرى قانۇنى»نى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى قارشى ئالغان.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى جېف مېركلېي ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى دان سۇلىۋان 13-نويابىر ئىككى پارتىيەنىڭ ھەمكارلىقىدا «جەنۇبىي موڭغۇلىيە ئىنسان ھەقلىرى سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى ئوتتۇرىغا قويغان.
بۇ قانۇن لايىھەسى خىتاي مۇستەملىكىسىدە ياشاۋاتقان جەنۇبىي موڭغۇلىيە خەلقىنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ۋەزىيىتىنى قوللاش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان. ئىككى كېڭەش پالاتاسى ئاساسلىقى ئىچكى موڭغۇلىيەدە ياشايدىغان موڭغۇللار ۋە موڭغۇللار ئولتۇراقلاشقان باشقا رايونلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوللاش ۋە ئۆزگىچە مەدەنىيەت ۋە كىملىكىنى قوغداش قانۇن لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
كېڭەش پالاتا ئەزاسى جېف مېركلېي بۇ ھەقتە قىلغان باياناتىدا «جەنۇبىي موڭغۇلىيە ئىنسان ھەقلىرى سىياسىتى قانۇنى»دا ئامېرىكا خىتاينىڭ موڭغۇل تىلى، مەدەنىيىتى ۋە كىملىكىنى يوقىتىش ئۇرۇنۇشىغا يول قويمايدىغانلىقى، شۇنداقلا بۇ خىل قىلمىشنى قەتئىي قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق ئۇچۇر بېرىلگەنلىكىنى ئېيتقان.
كېڭەش پالاتا ئەزاسى سۇلىۋان بۇ ھەقتە: «خىتاي كومپارتىيەسى ئامېرىكىنىڭ يەرشارىۋى مەنپەئەتى ۋە ھالقىلىق كەسىپلىرىگە قارشى يامان غەرەزدە بولۇپلا قالماي، بەلكى موڭغۇلىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنغان ئىنسانىي ھوقۇقلارغا بۇزغۇنچىلىق قىلماقتا» دېگەن.
خىتاي دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى مەركىزىي ئىشخانىسى 2021-يىلى «يېڭى دەۋر تىل-يېزىق خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش توغرىسىدا تەكلىپ-پىكىر» ناملىق ھۆججەتنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ھۆججەتتە خىتاي ئورتاق تىلىنىڭ ئىشلىتىلىشىنىڭ يەنىلا تەڭپۇڭسىز ۋە نامۇۋاپىق ئىكەنلىكى، شۇڭا 2025-يىلغىچە خىتاي ئورتاق تىل-يېزىقىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتىنى %85 كە يەتكۈزۈپ، تېخىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش كېرەكلىكى تىلغا ئېلىنغانىدى.
مەزكۇر ھۆججەت ئېلان قىلىنغاندىن باشلاپ خىتاي تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇش سىياسىي ھەرىكىتىنى باشلىغان بولۇپ، خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە باشقا مىللەتلەرنىڭ تىلى ۋە شىۋىلىرىنىڭ بېسىم ئاستىدا يوقاپ كېتىشى ھەققىدە، جۈملىدىن خىتاي مۇستەملىكىسىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىقى خىتاينىڭ باستۇرۇشى سەۋەبىدىن ئاستا-ئاستا يوقىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەنلىكى ھەققىدە ئەندىشە قوزغىغانىدى.
بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ ھۆججەت خىتاينىڭ تۇنجى قېتىم دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى نامىدا تارقاتقان تىل-يېزىق خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشكە ئالاقىدار ھۆججىتى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. گەرچە خىتاي ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى تارىختىن بېرى مەجبۇرىي ئىجرا قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇ ھەرىكىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن. بولۇپمۇ خىتاينىڭ مۇستەملىكىسىدە ياشاۋاتقان مىللەتلەر تېخىمۇ كۈچلۈك تەسىرگە ئۇچرىغان.
2020-يىلى 9-ئايدا خىتاي رېجىمى ئىچكى موڭغۇلىيەدىكى يەرلىك مەكتەپلەردىن بارلىق ئوقۇتۇشنى موڭغۇل تىلىدىن خىتاي تىلىغا ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلغانىدى. نەتىجىدە بىر قىسىم كىشىلەر ئانا تىلىنىڭ يوقىلىش خەۋپىدىن ئەنسىرەپ نارازىلىق بىلدۈرۈپ، كۆپلىگەن ئوقۇتقۇچىلار دەرس تاشلىغان، قىسمەن ئىشچىلار ئىش تاشلىغانىدى. ئاخىرىدا خىتاي نۇرغۇن كىشىلەرنى «جەمئىيەتنى تەرتىپىنى قالايمىقان قىلدى» دېگەن تۆھمەت بىلەن قولغا ئالغانىدى.
خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىقىنى چەكلەش، باستۇرۇش سىياسىتى نۆۋەتتە تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىگە يەتكەن بولۇپ، ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ مەكتەپتە ئۇيغۇرچە سۆزلىشىنىڭ چەكلىنىدىغانلىقى، خىلاپلىق قىلسا تەن جازاسى بېرىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى سىنلار تارقىلىپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغانىدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ