خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن بۇلاڭ-تالاڭ قىلغان ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئارقىلىق خىتايدىكى توك قىسلىقى مەسىلىسىنى ھەل قىلىۋاتقان بولۇپ، يېقىندا ئاتالمىش «شىنجاڭ توكىنى چۇڭچىڭغا يەتكۈزۈش» نامىدا شەرقىي تۈركىستاندىن خىتاينىڭ چۇڭچىڭغا توك يەتكۈزۈش لىنىيەسى تۇتاشتۇرغان. خىتاي بۇ خىل ۋاسىتىلەر بىلەن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغان ئېنېرگىيە بايلىقىنى خىتايغا توشۇش ئۈچۈن توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشلىرىنى داۋاملىق كۆپەيتمەكتە.
تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 8-نويابىر قومۇل شەھىرىنىڭ ئاراتۆرۈك ناھىيەسى نوم بازىرىغا تەخمىنەن 100 كىلومېتىر كېلىدىغان چۆللۈكتە ئاتالمىش «شىنجاڭ توكىنى چۇڭچىڭغا يەتكۈزۈش» قومۇل - چۇڭچىڭ 800± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچلىرى تاماملانغان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن قومۇل - چۇڭچىڭ تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنىڭ شەرقىي تۈركىستان بۆلىكى لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغان.
بۇ قۇرۇلۇش لىنىيەسى خىتاينىڭ بەش ئۆلكىسىگە تۇتىشىدىغان بولۇپ، بۇ يىل شەرقىي تۈركىستاندىن قومۇل - چۇڭچىڭ تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش لىنىيەسى ئارقىلىق خىتايغا يەتكۈزۈلىدىغان توك مىقدارى 327 مىليارد كىلوۋات سائەتكە يېتىدىكەن.
يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈرلۈك بايلىقلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە ماس ھالدا، تېز سۈرئەت ۋە كەڭ كۆلەمدە داۋاملاشماقتا. ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىۋاتقان غايەت زور بايلىقلار خىتاينىڭ ئىقتىسادىي كىرىزىسى ۋە ئېنېرگىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مۇھىم ئورۇندا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، بۇ سەۋەبلىك خىتاي بۇلاڭ-تالاڭنىڭ كۆلىمى، تۈرىنى داۋاملىق كۆپەيتمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ