خىتايدا تۇرۇۋاتقان چەت ئەللىك مۇخبىرلارنىڭ بىخەتەرلىك خەۋپى بارغانسېرى كۈچەيگەن

خىتايدا خىزمەت قىلىۋاتقان چەت ئەللىك ژۇرنالىستلارنىڭ بىخەتەرلىكى بارغانسېرى كۈچلۈك خەۋپكە دۇچ كېلىۋاتقان بولۇپ، خىتاينىڭ ئاخبارات ۋە ئۇچۇر ئىگىلەشكە قارشى قويغان ئاتالمىش «قىزىل سىزىقلىرى» شىددەت بىلەن كۆپەيگەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەنگلىيە ۋە ياپونىيەنىڭ مۇخبىرلىرى خىتاينىڭ جۇخەي تەنتەربىيە مەركىزىنىڭ سىرتىدا ماشىنا ھەيدەپ كىشىلەرنى سوقۇپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى توغرىسىدا نەق مەيدان خەۋەر بەرمەكچى بولغاندا، خىتاي تەرىپىدىن توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان. مەزكۇر مۇخبىرلار ھەتتا زوراۋانلىق مۇئامىلىسىگە ئۇچرىغان بولۇپ، خىتاي ساقچىلىرى مۇخبىرلاردىن سىنغا ئالغان كۆرۈنۈشلەرنى ئۆچۈرۈۋېتىشنى تەلەپ قىلغان. بۇ مەسىلە خىتايدىكى چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان ئاخبارات خىزمەت مۇھىتىنى گەۋدىلەندۈرگەن.

ئەنگلىيە رادىيو شىركىتى BBC نىڭ ۋىدىيوسىدا ئاشكارىلىنىشىچە، BBC نىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى سىتىفېن مىكدونېل 11-نويابىر جۇخەي تەنتەربىيە مەركىزىنىڭ سىرتىدا 35 خىتاينىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولغان قەستەن ماشىنا بىلەن ئادەم سوقۇش ۋەقەسىنى خەۋەر قىلىۋاتقان ۋە سۈرەتكە ئېلىۋاتقان بىر پەيتتە، پۇقراچە كىيىم كىيگەن نامەلۇم بىر خىتاي ئەر قولى بىلەن كامېرانى توسۇۋالماقچى بولغان ھەمدە مۇخبىرنى ئىتتىرىپ: «سىنغا ئېلىشقا بولمايدۇ» دېگەن. مىكدونېل بۇ ئەردىن زىيارەتكە توسقۇنلۇق قىلماسلىقىنى تەلەپ قىلغان. ئۇ خىتاي بولسا: «مەن خىتاي پۇقراسى، سەن خىتايدا سۈرەتكە ئېلىۋاتىسەن، ژۇرنالىست كارتاڭ بارمۇ؟» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن سۈرەتكە ئېلىشقا داۋاملىق ئارىلاشقان ۋە توسقۇنلۇق قىلغان.

خەلقئارا ئاخبارات تەشكىلاتلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي ئەمەلدارلىرى چەت ئەللىك ژۇرنالىستلارنى توسۇش ۋە ئۇلارنىڭ ئاخبارات ۋە ئۇچۇر ئىگىلەش خىزمىتىنى چەكلەشنى ئاساسلىق نىشانى دەپ قاراپ، چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىنى قاتتىق كونترول قىلىش ئارقىلىق، ھەر قانداق ئىجتىمائىي ۋەقەنىڭ سىياسىي ۋەقەگە ئايلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن.

ئۇندىن باشقا خىتاي ساقچىلىرى يەنە يەرلىك مۇستەقىل ژۇرنالىستلار ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرىنى سىستېمىلىق نىشانلاپ، قولغا ئالماقتىكەن ھەمدە مۇستەقىل تەكشۈرۈش مۇمكىنچىلىكى ۋە شارائىتىنى يوق قىلماقتىكەن.

بۇندىن ئىلگىرىمۇ پۇقراچە كىيىنگەن خىتاي ساقچىلىرىنىڭ چەت ئەل ئاخبارات خادىملىرىنىڭ خىزمەتلىرىگە توسقۇنلۇق قىلىش، تەھدىت سېلىش، ھۇجۇم قىلىش قىلمىشلىرى كۆپ قېتىم يۈز بەرگەنىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 89 قېتىم كۆرۈلدى
18/11/2024 15:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق