خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىي رايونلىرىدىكى تېررور سىياسىتىنى كۈچەيتمەكتە

خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىي رايونلىرىدا ياش-ئۆسمۈرلەرگە قارىتا ئاتالمىش «زامانىۋى مەدەنىيلىك تەربىيەسى» نامىدىكى ئاسسىمىلياتسىيە، مېڭە يۇيۇش ھەرىكىتىنى تېخىمۇ چىڭ تۇتۇش، كۈچەيتىش ھەققىدە مەخسۇس يىغىن ئاچتى.

ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاتالمىش «ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش» 12-نويابىر مەخسۇس يىغىن ئېچىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدا ياش-ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان ئاتالمىش «زامانىۋى مەدەنىيلىك تەربىيەسىنى كۈچەيتىش، جۇڭخۇا مىللىتى ئېڭىنى كۈچەيتىش» قاتارلىقلارنى تەكىتلىگەن.

يىغىندا خىتاينىڭ تېررور سىياسەتلىرىدىن بولغان خىتاي تىل-يېزىقىنى كېڭەيتىپ ئومۇملاشتۇرۇش، سىياسىي تەربىيەنى كۈچەيتىش، شى جىنپىڭ ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىتىش، قەلبتىن ئېتىراپ قىلدۇرۇش، ئاتالمىش «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش»نى قانات يايدۇرۇش، ھەرقايسى مىللەتلەر ئارىلىشىش، يۇغۇرۇلۇشىنى تەشۋىق قىلىش قاتارلىق تەكىتلەنگەن. خىتاي تېررور سىياسەتلىرىنى شەرقىي تۈركىستاندىكى ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، زامانىۋىلاشتۇرۇش دەپ پەردازلىغان.

يىغىندا خىتاي بۇ سىياسەتلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ياش-ئۆسمۈرلەرنى ئىنقىلابىي مۇزېي، خاتىرە سارىيى، پارتىيە تارىخى سارىيى قاتارلىق ساختا تەشۋىقات ئورۇنلىرىنى زىيارەت قىلدۇرۇش، لېكسىيە ئورۇنلاشتۇرۇش، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى پائالىيىتى تەشكىللەش، ئالىي مەكتەپلەردە ئىدىيەۋى-سىياسىي خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش، خىتاي ئاققۇنلىرىنى داۋاملىق يۆتكەپ كېلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، خىتاي سىياسىي كېڭىشىنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ ئالدىنقى ئايدا تۇيۇقسىز شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ، خوتەن ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتىنى زىيارەت قىلغانىدى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى داۋاملىق قاتتىق ئىجرا قىلىشقا ئىشارەت قىلغانىدى. ئۇنىڭ بۇ زىيارىتىدىن كېيىنلا،  ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى» قەشقەر ۋىلايىتىدە يىغىن ئېچىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەنىدى. ئارقىدىن ما شىڭرۈيمۇ قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ساقچىخانا ۋە مەسچىتلەرنى زىيارەت قىلغانىدى. خىتاينىڭ بۇ قېتىملىق يىغىنىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ياش-ئۆسمۈرلەرنى نۇقتىلىق تەكىتلىشى دىققەت قوزغىماقتا. 

بۇ خەۋەر 90 قېتىم كۆرۈلدى
16/11/2024 16:17:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق