خىتاينىڭ ئىقتىسادى نۆۋەتتە يەنىلا ئاجىز ھالەتتە تۇرۇۋاتقان بولۇپ، تىرامپنىڭ پىرېزىدېنتلىققا سايلىنىشىدەك ئامىل خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە تەسىر يەتكۈزىدىكەن.
15-نويابىر ئېلان قىلىنغان خىتاينىڭ رەسمىي سانلىق مەلۇماتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، گەرچە ئۆكتەبىر ئېيىدا خىتاي ئىستېمال ساھەسىدە ياخشىلىنىش بولغان بولسىمۇ، ئەمما سانائەت قوشۇلما قىممىتىنىڭ ئېشىشى يەنىلا ئاستىلىغان. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۆي-مۈلۈك بازىرىنىڭ چېكىنىشىدىن كېلىپ چىققان ئومۇمىي ئىقتىسادىي ئاجىزلىق كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، دەپ ھۆكۈم قىلىشقا تېخى بالدۇر ئىكەن.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، يېقىندا ئېلان قىلىنغان بىر قاتار يېڭى سانلىق مەلۇماتلار بەلكىم خىتاي تەدبىر بەلگىلىگۈچىلىرىگە بولغان بېسىمنى پەسەيتمەسلىكى مۇمكىن بولۇپ، بۇلاردىكى مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى ئامېرىكىنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپنىڭ ئاقسارايغا قايتىپ كېلىشى ئىكەن. كېيىنكى نۆۋەتلىك ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قاراتقان قاتتىق تەدبىرلىرى يەنىلا چوڭ ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىدىكەن.
ئالدىنقى كۈنلەردە بىر قىسىم چەت ئەل شىركەتلىرىنىڭ خىتايدىن چېكىنىپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە كۆچۈشكە باشلىغانلىقى، بۇنىڭ سەۋەبى تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە خىتاي مەھسۇلاتلىرىدىن يەنە بىر قېتىم يۇقىرى نىسبەتتە باج ئالىدىغانلىقى ئىكەنلىكى خەۋەر قىلىنغانىدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ