خىتاي نۆۋەتتە خەلقئارا جەمئىيەتتە كۈچلۈك كۈنتەرتىپكە كەلگەن شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى خەلقئارا جەمئىيەتتىن يوشۇرۇش ئۈچۈن، كۆز بوياش، ئالدامچىلىق تەدبىرلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن بولۇپ، ئاتالمىش «قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى قوغداش نىزامى»نى ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى دەۋا قىلماقتا.
خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ 12-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر نىزامنامە بۇ يىل 31-مارت ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى»نىڭ 9-يىغىنىدا ماقۇللانغان بولۇپ، 1-مايدىن تارتىپ ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان. خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى بۇ نىزامنامىنى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تارىخ ۋە مەدەنىيەتنى قوغداش ھەرىكىتى سۈپىتىدە تەشۋىق قىلىشقا باشلىغان.
بۇ يىل 25-مارت ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»نىڭ يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي رېجىمى نىزام چىقىرىش خىزمىتى يىغىنىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئاساسىي شوئارلىرىدىن بىرى بولغان ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئومۇملاشتۇرۇش»نى چۆرىدىگەن ئاساستا نىزامنامە چىقىرىشنى تەكىتلىگەن.
ھالبۇكى، خىتاي ئىشغالىيەت تارىخىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تۈرلۈك ناملار ئاستىدا باستۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۆزلىرى دەۋا قىلغىنىدەك شەرقىي تۈركىستاندىكى مەدەنىيەتنى قوغداش ئەمەس، بەلكى ھەرخىل باھانىلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئېتىقادىنى، مەدەنىيىتىنى، تىل-يېزىقىنى، ئەنئەنىلىرىنى ئۈزۈل-كېسىل چەكلەپ، ھەرخىل تۆھمەتلەر بىلەن مىليونلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنى جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە قاماپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈپ كەلدى. قەدىمىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، تارىخىي ئىزلار خىتاي تەرىپىدىن يوقىتىلدى ياكى مۇزېيغا ئۆزگەرتىلدى.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن بېرى ئاتالمىش «يەرلىك نىزام»لار ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى باستۇرۇپ كەلگەنلىكىنى، بۇ ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەيىبلىشىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سەۋەبلىك خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بېسىمىغا ئۇچرىغان بىر پەيتتە، يەرلىك نىزامنامە ئارقىلىق جىنايى قىلمىشلىرىنى قانۇنلاشتۇرۇشقا، كېڭەيتىشكە ئۇرۇنغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ