ماركو رۇبىيونىڭ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋەزىپىسىگە كۆرسىتىلىشى تىرامپنىڭ خىتاي سىياسىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغانلىقى، ئۇنىڭ تەسىرى يۇقىرى تاموژنا بېجىدىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىككىنچى قېتىم پىرېزىدېنت بولۇپ سايلانغان دونالد تىرامپ قۇرغان دۆلەت بىخەتەرلىك گۇرۇپپىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەنگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئەڭ تارتقىنى خىتايغا قاتتىق قول بولۇشنى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان، خىتاي تەرىپىدىن ئىككى قېتىم جازا يۈرگۈزۈلگەن ۋە خىتاي تاراتقۇلىرى تەرىپىدىن «خىتايغا قارشى ئەڭ رادىكال شەخس» دەپ سۈپەتلەنگەن، فىلورىدا ئىشتاتىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيونىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋەزىپىسىگە كۆرسىتىلىشى بولۇپ قالغان.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ كۆرسىتىشىچە، رۇبىيونىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋەزىپىسىگە كۆرسىتىلىشىدىن باشقا، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى مايكىل ۋالزنىڭ ئاقساراي دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى ۋەزىپىسىگە كۆرسىتىلىشى ۋە دۆلەتلىك ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ سابىق باش تەپتىشى جون راتكىلىفنىڭ مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىگە كۆرسىتىلىشى تاللاش بېيجىڭنى بىئارام قىلىدىكەن. تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قاراتقان قاتتىق سىياسىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئامىللار تاموژنا بېجى ۋە سودا بىلەنلا چەكلەنمەيدىكەن.
رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆرسىتىشىچە، تىرامپ قۇرغان دۆلەت بىخەتەرلىك گۇرۇپپىسى يېڭى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان خىتاي بىلەن بولغان «رىقابەتنى كونترول قىلىش» سىياسىتىدىن ۋاز كېچىپ، تەيۋەننى قوللاش ۋە خىتاينىڭ ئامېرىكىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك كىرىزىسىدىكى رولىغا قارشى تۇرۇش سىياسىتىدىن ۋاز كېچىشى مۇمكىنلىكىنى، خىتايغا قارشى قاتتىق قول سىياسىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ