خىتاينىڭ قۇرئان كەرىمنى قايتا تەپسىر قىلىشى تالاش-تارتىش قوزغىدى

خىتاينىڭ قۇرئان كەرىمنى قايتا تەپسىر قىلىش قىلمىشى تالاش-تارتىش قوزغىغان بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر بۇ ھەرىكەتنىڭ خىتاينىڭ ئىسلامنى خىتايچىلاشتۇرۇش ئارقىلىق دىنىي قائىدىلەرگە ئارىلىشىشنى كۈچەيتىشنىڭ بىر ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، نىڭشيا تۇڭگان ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى قۇرئاننىڭ كونا نۇسخىسىنى مۇسادىرە قىلىپ، «تۈزىتىلگەن نۇسخىسى»نى تارقىتىشقا باشلىغان. بۇنىڭدىن ئىلگىرى خىتاي ئىسلام جەمئىيىتى «قۇرئان ئۈزۈندىلىرى ۋە ئىزاھاتلىرى» ناملىق كىتابنى نەشر قىلىش سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.

29-ئۆكتەبىر خىتاي ئىسلام جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىنغا خىتاي مەركىزى كومىتېتى بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى، خىتاي دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى چېن رۈيفېڭ رىياسەتچىلىك قىلغان بولۇپ، ئۇ سۆزىدە خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ «قۇرئان كەرىم»نىڭ مەزمۇنىنى خىتاي جەمئىيىتىگە ماسلاشتۇرۇش سىياسىتىنى تەشۋىق قىلغان ۋە «قۇرئان ئۈزۈندىلىرى ۋە ئىزاھلىرى» ناملىق كىتابنىڭ خىتايچە نۇسخىسىنىڭ تارقىتىلىشى ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم بىر قەدەم ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئىسلام دىنىي تەلىم-تەربىيەسى ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، ئىسلام دىنىنى خىتاي جەمئىيىتى مەدەنىيەت مۇھىتى ۋە قانۇن سىستېمىسىغا تېخىمۇ سىڭدۈرۈشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئېيتىپ بىلجىرلىغان.

مەزكۇر يىغىندا ئاتالمىش «قۇرئان ئۈزۈندىلىرى ۋە ئىزاھاتلىرى» ناملىق كىتابنىڭ ئىسلام دىنى ئىنستىتۇتلىرىدا بېكىتىلگەن ئوقۇتۇش ماتېرىيالى سۈپىتىدە قوللىنىلىدىغانلىقى، شۇ ئارقىلىق دىنىي تەربىيەنى قېلىپلاشتۇرىدىغانلىقى ۋە ئىسلام دىنىنى زامانىۋى جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقى دەۋا قىلىنغان.

خىتاي ئىسلام جەمئىيىتى بۇ كىتاب ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم مۇۋەپپەقىيەت ئىكەنلىكىنى، ئۇ خىتايدىكى مۇسۇلمانلارنى دىننىڭ يېتەكچىلىكى بىلەن تەمىنلەپ، ئىسلام دىنى ھەققىدە يەرلىك تەتقىقاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى، مۇسۇلمان ئېتىقادچىلىرىنىڭ ئىزاھلار ئارقىلىق دىنىي كىلاسسىك ئەسەرلەرنىڭ مەزمۇنىنى چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىپ، مائارىپ يېتەكچىلىكى ۋە دىنىي تەلىم-تەربىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى دەۋا قىلغان. چەت ئەللەردە ياشايدىغان مۇسۇلمان ئۆلىمالار ۋە ئوبزورچىلار بولسا خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنى خىتاي رېجىمىنىڭ «ئىسلامنىڭ يادرولۇق مەزمۇنى ۋە تەبىرىنى خىتاي جەمئىيىتىگە ماسلاشتۇرۇش» نامىدىكى ئىسلام قائىدە-پىرىنسىپلىرىنى بۇرمىلاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشى دەپ قارىغان.

شەرقىي تۈركىستاندا مۇسۇلمانلارغا قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىسلام دىنى ۋە ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش، يوقىتىش ئۈچۈن، مۇناسىۋەتلىك ئاتالمىش قانۇنلارنى تۈزۈپ چىقىپ، مەجبۇرىي ئىجرا قىلماقتا. خىتاي بۇ جەرياندا ئاتالمىش «ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش»، «دىننى سوتسىيالىزمغا ماسلاشتۇرۇش» دېگەندەك سەپسەتىلەر بىلەن ئىسلام دىنىغا قارشى تېررور سىياسىتىنى تېز سۈرئەتتە ئىجرا قىلماقتا. خىتاينىڭ ئىسلام دۈشمەنلىكى پىلانىغا ئاساسەن، ھازىرغا قەدەر 16 مىڭغا يېقىن مەسچىت چېقىۋېتىلدى ياكى بۇزۇۋېتىلدى. ساق قالغان بىر قىسىم مەسچىتلەر قاۋاقخانا، چايخانا دېگەندەك باشقا پائالىيەت سورۇنلىرىغا ئۆزگەرتىلدى، دىنغا ئالاقىدار بارلىق ئىش-ھەرىكەتلەر تولۇق چەكلەندى، خەلق ئىسلامدىن پۈتۈنلەي ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاندى. نۆۋەتتە خىتايدا ياشاۋاتقان تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىغا قارىتىلغان دىنىي باستۇرۇشلارمۇ كۈچەيتىلمەكتە.

بۇنىڭ بىلەن بىرگە، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى، ئىسلامغا قارشى تېررور سىياسىتىنى خەلقئارا جەمئىيەتتىن، خۇسۇسەن ئىسلام دۇنياسىدىن يوشۇرۇش ئۈچۈن، ھەرخىل ناملار بىلەن چەت ئەل ئۆمەكلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ساختا سەھنە، مەيدانلارنى كۆرسىتىپ، خەلقنىڭ دىنىي ۋە مىللىي كىملىكىنىڭ پۈتۈنلەي قوغدالغانلىقى، دىنىي ئەركىنلىكنىڭ تولۇق كاپالەتكە ئىگە ئىكەنلىكى ھەققىدە جار سالماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 71 قېتىم كۆرۈلدى
15/11/2024 18:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق