خىتاي بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ پاكىستانغا كىرىشىنى تەلەپ قىلدى

خىتاي پۇقرالىرى پاكىستاندا كۆپ قېتىم ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقى سەۋەبلىك، بىخەتەرلىك ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن خىتاي بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ پاكىستانغا ئەۋەتىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 12-نويابىر خىتاي پاكىستان بىلەن خىتاي پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى كۈچەيتىش توغرىسىدا سۆھبەتلەشكەن بولۇپ، بۇ جەرياندا پاكىستاندىن خىتاي بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ پاكىستانغا كىرىپ ئالاقىدار بىخەتەرلىك ھەرىكەتلىرىگە قاتنىشىشقا رۇخسەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، كاراچىدا ماشىنا بومبا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، خىتاي بىلەن پاكىستان دائىرىلىرى بۇ ھەقتە سۆھبەتلەشكەن. بېيجىڭ سۆھبەت جەريانىدا پاكىستاندىن خىتاي بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ بىخەتەرلىك ھەرىكىتىگە قاتنىشىشىغا يول قويۇپ، جەنۇبىي ئاسىيا دۆلىتىدە ئىشلەۋاتقان مىڭلىغان خىتاي پۇقرالىرىنى قوغداشنى تەلەپ قىلغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقى مەنبەلەرنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ۋەقە پاكىستاننىڭ بىخەتەرلىك خىزمىتىدە ئېغىر يوچۇق بارلىقىنى كۆرسەتكەن.

خىتاي خادىملىرىغا قارىتىلغان ھۇجۇم ۋە پاكىستاننىڭ بۇ خىل ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تەدبىر قوللانمىغانلىقى خىتاينى بىئارام قىلغان بولۇپ، خىتاي پاكىستان بىلەن بىخەتەرلىك سىستېمىسىنى ئورتاق باشقۇرۇش توغرىسىدا رەسمىي سۆھبەتلىشىشنى باشلىغان.

يېقىنقى سۆھبەتكە قاتناشقان ئەمەلدارلارنىڭ بىرى: «خىتاي ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ بىخەتەرلىكنى قوغداش ئىشلىرىغا قاتنىشىشىنى تەلەپ قىلدى» دېگەن. ئەمما ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا پاكىستاننىڭ ھازىرغىچە خىتاينىڭ تەلىپىگە قوشۇلمىغانلىقىنى ئېيتقان. داۋاملىشىۋاتقان سۆھبەتنى خىتاي ياكى ئىسلامئابادمۇ ئاشكارا ئېلان قىلمىغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2401 قېتىم كۆرۈلدى
14/11/2024 10:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق