خىتاي ئۆز مەدەنىيىتىنى ئۇيغۇرلارغا مەجبۇرىي تېڭىش جىنايىتىنى پەردازلاپ تەشۋىق قىلماقتا

خىتاي ئۆز مەدەنىيىتىنى ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي خەلقلەرگە مەجبۇرىي تېڭىش جىنايىتىنى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغاندىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ۋە كۈنسېرى كۈچەيتىۋاتقان بولۇپ، ساختا تەشۋىقاتلىرى ئارقىلىق بۇ جىنايىتىنى پەردازلىماقتا.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ساختا تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورى 11-نويابىر «جىڭجۈ تىياتىرىغا رىشتە باغلىيالىغانلىقىمدىن ئۆزۈمنى تەلەيلىك ھېسابلايمەن» ماۋزۇلۇق خەۋەر ئېلان قىلغان بولۇپ، بىر ئۇيغۇر قىزنىڭ خىتايلارنىڭ جىڭجۈ تىياتىرىغا مەپتۇن بولۇپ قالغانلىقى ۋە جاپاغا چىداپ ئۆگەنگەنلىكىدەك كۈلكىلىك ھېكايە بايان قىلىنغان.

خەۋەردە پەرزانە پەرھات ئىسىملىك 20 ياشلىق بىر ئۇيغۇر قىزنىڭ خىتايلارنىڭ جىڭجۈ تىياتىرىغا ئىشتىياق باغلىغانلىقى، كىچىكىدىن تارتىپ جىڭجۈ تىياتىرىدىكى ياسىنىش قىياپىتى ۋە كىيىم-كېچەكلەرگە ھەۋەس قىلىدىغانلىقى، ئاخىر «ناھايىتى تەسلىكتە» خىتاي شىچۈ تىياتىرى ئىنستىتۇتىنىڭ قارىمىقىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ» سىنىپىغا تاللانغانلىقى، قاتتىق تىرىشچانلىق بىلەن جىڭجۈ تىياتىرى ئۆگىنىشكە باشلىغانلىقى بايان قىلىنغان.

خەۋەردە خىتايلارنىڭ جىڭجۈ تىياتىرى «ئەنئەنىۋى تىياتىر» دەپ سۈپەتلەنگەن بولۇپ، ئۇيغۇر قىزنىڭ ھەركۈنى ئۆيىگە قايتقاندىن كېيىن بوۋىسى بىلەن مومىسىغا جىڭجۈ تىياتىرى ئورۇنلاپ بېرىدىغانلىقى، ئۇلار چۈشەنمىسىمۇ جىڭجۈ تىياتىرىنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغانلىقىدەك ساختا بايانلار ئورۇن ئالغان.

خىتايلارنىڭ ئەنئەنىۋى سەھنە ئويۇنلىرىدىن بىرى بولغان جىڭجۈ تىياتىرىغا ئەمەلىيەتتە يېڭى ئەۋلاد خىتايلارمۇ كۆپ قىزىقمايدىغان بولۇپ، پەقەت سەھنە، تېلېۋىزورلاردىلا ساقلىنىپ قالغان. ھالبۇكى، خىتايلارنىڭ بۇ خىل ئويۇنلىرى، كىيىنىش ئادەتلىرى، تۈرلۈك بايراملىرى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت سۈپىتىدە ئۇيغۇرلارغا مەجبۇرىي تېڭىلماقتا ۋە بۇ جىنايەتلەر خىتاينىڭ ساختا تەشۋىقاتلىرى ئارقىلىق پەردازلانماقتا. بۇندىن ئىلگىرى تارقالغان قىسقا سىن ۋە سۈرەتلەردىمۇ باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ ھەرخىل بايرام، پائالىيەتلەردە خىتايلارنىڭ كىيىمىنى كىيىپ، خىتايچە تىياتىر، ئويۇنلارنى ئورۇنداشقا مەجبۇرلانغانلىقى كۆرسىتىلگەنىدى.

بۇ خەۋەر 2993 قېتىم كۆرۈلدى
12/11/2024 15:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق