تىرامپ ئۇتۇپ چىققاندىن كېيىن بىر قىسىم شىركەتلەر خىتايدىن چېكىنىشكە باشلىدى

خىتايغا قارىتا تاموژنا بېجىنى ئۆستۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلگەن دونالد تىرامپ پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا ئۇتۇپ چىققاندىن كېيىن، بىر قىسىم شىركەتلەر خىتايدىن چېكىنىشكە باشلىدى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 11-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، تىرامپ ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن، بىر قىسىم شىركەتلەر خىتايدىن چېكىنىپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە كۆچۈشكە باشلىغان. بۇنىڭ سەۋەبى تىرامپ ئاقسارايغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن خىتاي مەھسۇلاتلىرىدىن يەنە بىر قېتىم يۇقىرى نىسبەتتە باج ئالىدىكەن.

تىرامپ سايلام سەپەرۋەرلىكى پائالىيەتلىرى جەريانىدا خىتايدا ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلاردىن %60 تىن ئارتۇق تاموژنا بېجى ئالىدىغانلىقى توغرىسىدا خىتايغا تەھدىت سالغان بولۇپ، بۇ تىرامپنىڭ بىرىنچى نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىچىدە خىتايغا %7.5 تىن %25 كىچە قويغان باجدىن كۆپ يۇقىرى ئىكەن. پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا غەلىبە قىلغان تىرامپ سايلام رىقابىتى جەريانىدا ئامېرىكىغا كىرگەن بارلىق مەھسۇلاتلاردىن %10 تىن %20 كىچە باج ئېلىشنى خالايدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ خىتايدا ئىشلىنىپ ئىمپورت قىلىنغان مەھسۇلاتلاردىن %60 تىن ئارتۇق باج ئالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. تىرامپ ئۆستۈرمەكچى بولغان باج دۇنيادا ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولغان خىتايغا زور خەتەر ۋە زەربە بولىدىكەن.

ئامېرىكىنىڭ خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلاردىن ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، خىتايدىكى بىر قىسىم شىركەت-كارخانىلار شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە كۆچۈشكە باشلىغان. تايلاند، ۋىيېتنام ۋە مالايشىيا قاتارلىق شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ماشىنا ۋە ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەر ئىشلەپچىقىرىدىغان مۇھىم سانائەت رايونلىرى بار بولۇپ، ئۇلار خىتايدىن كۆچۈرۈپ كېلىنگەن زاۋۇتلار ئۈچۈن يەر تەييارلاشقا باشلىغان.

تىرامپ بىرىنچى قېتىملىق ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىدە، خىتاينى ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىنى تېخىمۇ كۆپ سېتىۋېلىش توغرىسىدا سۆھبەتلىشىشكە مەجبۇرلاپ، ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئىككى تەرەپلىك سودا قىزىل رەقىمىنى قايتىدىن تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقا تىرىشقانىدى. 2020-يىلى 1-ئايدا ئىمزالانغان بۇ كېلىشىم خىتاينىڭ 2020-، 2021-يىللىرى 200 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتىنى سېتىۋېلىشنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئەمما پۈتۈن دۇنياغا تارقالغان خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبلىك بۇ نىشاننىڭ تولۇق ئەمەلگە ئېشىشى توسالغۇغا ئۇچرىغانىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2868 قېتىم كۆرۈلدى
12/11/2024 15:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق