تەيۋەننىڭ ئۆزەك شىركىتى خىتايغا ئىلغار ئۆزەك سېتىشنى توختاتتى

تەيۋەننىڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئىشلەپچىقىرىش چەكلىك شىركىتى بۇ دۈشەنبىدىن تارتىپ خىتايدىكى خېرىدارلىرىغا ئىلغار دەرىجىدىكى سۈنئىي ئەقىل ئۆزەكلىرىنى تەمىنلىمەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان بولۇپ، بۇ قارار ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن چىقىرىلغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىلغار ئۆزەك ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەت بولغان تەيۋەن يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئىشلەپچىقىرىش چەكلىك شىركىتى (TSMC) ئالدىنقى ھەپتە خىتايدىكى خېرىدارلىرىغا ئۇقتۇرۇش يوللاپ، 11-نويابىردىن تارتىپ يەتتە نانومېتىر ياكى ئۇنىڭدىن تۆۋەن بولغان ئىلغار ئۆزەكلەرنى تەمىنلىيەلمەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شىركەتنىڭ بۇ قارارى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن چىقىرىلغان بولۇپ، ئەگەر ئۇلار خىتاي شىركەتلىرىگە ئىلغار ئۆزەك تەمىنلىمەكچى بولسا، چوقۇم ئامېرىكىنىڭ قاتنىشىشى ئاساسىدىكى تەكشۈرۈش، تەستىقلاش باسقۇچىدىن ئۆتۈشى كېرەك ئىكەن.

ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى چەكلەش بۇيرۇقىنى چىقىرىشتىن بىر نەچچە ھەپتە بۇرۇن، تەيۋەن يېرىم ئۆتكۈزگۈچ شىركىتى ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىغا دوكلات يوللاپ، خىتاينىڭ خۇاۋېي شىركىتىنىڭ شېنتېڭ 910B تىپلىق سۈنئىي ئەقىل ئۆزىكىدە تەيۋەن يېرىم ئۆتكۈزگۈچ شىركىتى ئىشلەپچىقارغان يادرولۇق توك يولى قۇرۇلمىسىنىڭ بارلىقىنى ئۇقتۇرغان. ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى بولسا دەرھال بۇ ھەقتە تەكشۈرۈش باشلىغان.

خۇاۋېي شىركىتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسلىق چەكلەش ئوبيېكتى بولۇپ، خۇاۋېي شىركىتىنى ھەرقانداق مەھسۇلات ياكى تېخنىكا بىلەن تەمىنلىمەكچى بولغان شىركەتلەر ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئىجازەتنامىسىنى ئېلىشى كېرەك ئىكەن.

بۇ خەۋەر 2828 قېتىم كۆرۈلدى
11/11/2024 14:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق