خەلقئارا پارلامېنتلار ئىتتىپاقى تايلاندتىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ب د ت غا چاقىرىق قىلدى

نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى 8-نويابىر تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 48 ئۇيغۇر ھەققىدە تەپسىلىي خەۋەر ئېلان قىلغان بولۇپ، خەلقئارا پارلامېنتلار ئىتتىپاقى بۇ خەۋەرگە ئاساسەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى مەزكۇر ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇشقا چاقىردى.

نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى 8-نويابىر ئېلان قىلغان مەخسۇس خەۋىرىدە ھەسەن ئىمام ئىسىملىك ئۇيغۇر ياشنىڭ سەرگۈزەشتىلىرىنى بايان قىلىش ئارقىلىق، تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى، ئۇلارنىڭ نېمە سەۋەبتىن چەت ئەلگە قېچىپ چىققانلىقى، بىر قىسمىنىڭ تۈركىيەگە كېلىشى، بىر قىسمىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشى، نۆۋەتتە تايلاند تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 48 ئۇيغۇرنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالى قاتارلىق نۇقتىلارنى تەپسىلىي يورۇتۇپ بەرگەن.

خىتايغا قارشى خەلقئارالىق تەشكىلات - خەلقئارا پارلامېنتلار ئىتتىپاقى 10-نويابىر نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ مەخسۇس خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرگەن ئاساستا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كۆچمەنلەر ئىشلىرى ئالىي كومىسسارى فىلىپپو گىراندىغا ئوچۇق خەت يېزىپ، تايلاند تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە ۋە قول تىقىشقا چاقىردى.

ئوچۇق خەتتە تايلاند تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ناچار شارائىتتا تۇرۇۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرى ۋە ئادۋوكاتلىرى بىلەن ئالاقىلىشالمايدىغانلىقى، ئىنسانىي ھوقۇقلىرى ۋە سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ئەندىشە قوزغايدىغانلىقى، ئەگەر ئۇلار خىتايغا قايتۇرۇلۇپ قالسا، خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرايدىغانلىقى، شۇڭا ب د ت بۇ مەسىلىگە قول تىقىپ، يامان ئاقىۋەتنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەكلىكى قەيت قىلىنغان. مەزكۇر خەتكە خەلقئارا پارلامېنتلار ئىتتىپاقىنىڭ 26 دۆلەتتىكى 50 كە يېقىن پارلامېنت ئەزاسى ئىمزا قويغان.

ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ (HRW) ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2014-يىلىدىن باشلاپ تايلاندتا تەخمىنەن 350 ئۇيغۇر تۇتۇلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 172 ئايال ۋە بالا 2015-يىلى 7-ئايدا تۈركىيەگە يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان. 109 ئەر كىشى خىتاينىڭ بېسىمى بىلەن خىتايغا قايتۇرۇلغان بولۇپ، شۇنىڭدىن بۇيان ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان. ھازىر تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 50 كە يېقىن ئۇيغۇر ناچار تۈرمە شارائىتىدا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، بۇلتۇر ئابدۇللاھ ئابدۇلئەزىز، مەتتوختى مەتقۇربان ئىسىملىك ئىككى ئۇيغۇرنىڭ تۈرمىدە قازا قىلغانلىقى مەلۇم بولغانىدى.

بۇ خەۋەر 2846 قېتىم كۆرۈلدى
11/11/2024 12:09:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق