خىتاي ئاخبارات ساھەسى دۇنيانىڭ كۈلكىسىگە قالماقتا

خىتاينىڭ بارلىق ئاخبارات ئورگانلىرى خىتاي كوممۇنىست رېجىمىنىڭ ساختا تەشۋىقاتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان بولۇپ، بۇ يىللىق خىتاي خەۋەر مۇكاپاتىنىڭ نەتىجىسى دۇنيانىڭ كۈلكىسىگە قالدى.

34-نۆۋەتلىك خىتاي خەۋەر مۇكاپاتى 7-نويابىر ئېلان قىلىنغان بولۇپ، شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ «شى جىنپىڭ تولۇق ئاۋاز بىلەن دۆلەت رەئىسى ۋە مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولۇپ سايلاندى» ماۋزۇلۇق خەۋىرى بۇ يىللىق ئەڭ ئالىي مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

مەزكۇر مۇكاپات خىتاي ژۇرنالىستلار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن يىلدا بىر قېتىم تارقىتىلىدىغان بولۇپ، ئۈچ دەرىجىدىن باشقا يەنە ئالاھىدە مۇكاپات تۈرىمۇ بار ئىكەن. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ شى جىنپىڭ ھەققىدىكى خەۋىرى ئالاھىدە مۇكاپاتنىڭ ئەڭ بېشىغا تىزىلغان. خىتاي ئارمىيەسى خەۋەر ئورگىنىنىڭ خىتاي شەرقىي ئۇرۇش قىسمىنىڭ تەيۋەن ئەتراپىدا مانېۋىر ئۆتكۈزگەنلىكى ھەققىدىكى بىر خەۋىرىمۇ ئالاھىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ئۇندىن باشقا، ئاتالمىش «شىنجاڭ كۈندىلىك گېزىتى ئىدارىسى»نىڭ ئۈچ خەۋىرى ۋە بىر ۋىدىيوسىمۇ ئىككىنچى، ئۈچىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

خىتاينىڭ تۈرلۈك ناملاردىكى ئاخبارات ئورگانلىرى تارىختىن بۇيان خىتاي خىتاي كوممۇنىست رېجىمىنىڭ سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىش، جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش، پەردازلاش ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ كەلمەكتە. جۈملىدىن، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، خىتاي تاراتقۇ ساھەسىگە غايەت زور مەبلەغ ۋە ئادەم كۈچى ئاجرىتىپ، خىتاي ئىچى-سىرتىدىكى ساختا تەشۋىقاتىنى داۋاملىق كۈچەيتمەكتە.

خىتاينىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكى ھەريىلى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئارقىغا تىزىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، خەلقئارالىق تەشكىلات ژۇرنالىستلارنى قوغداش كومىتېتى بۇلتۇر يانۋار ئېيىدا بىر دوكلات ئېلان قىلىپ، 2023-يىلى خىتايدا تۈرمىگە قامالغان 44 ژۇرنالىستنىڭ يېرىمى دېگۈدەك ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغانىدى. بۇ يىللىق خىتاي خەۋەر مۇكاپاتى خىتاي ئاخبارات ساھەسىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى دۇنياغا يەنە بىر قېتىم كۆرسىتىپ بەردى.

بۇ خەۋەر 3310 قېتىم كۆرۈلدى
09/11/2024 14:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق