فىلىپپىن ھۆكۈمىتى ماقۇللىغان يېڭى قانۇن خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلدى

خىتاي بىلەن فىلىپپىننىڭ دېڭىز رايونىدىكى سۈركىلىشى داۋاملىق كۈچىيىۋاتقان بىر مەزگىلدە، فىلىپپىن ھۆكۈمىتى دېڭىز ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئالاقىدار ئىككى قانۇن ماقۇللىغان بولۇپ، بۇ ھەرىكەت خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، فىلىپپىن پىرېزىدېنتى فېردىناند ماركوس 8-نويابىر «فىلىپپىن دېڭىز-ئوكيان رايونى قانۇنى» ۋە «فىلىپپىن ئارىلى دېڭىزدا يۈرۈش قانۇنى»دىن ئىبارەت ئىككى قانۇننى ئىمزالىغان. «ئابىدە خاراكتېرلىك» دەپ سۈپەتلەنگەن مەزكۇر ئىككى قانۇن فىلىپپىننىڭ دېڭىز رايونىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقىنى تەكىتلەش، بايلىقلارنى ئېچىش ۋە خىتاينىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇشقا مەركەزلەشكەن.

يېڭى ماقۇللانغان قانۇنلاردا فىلىپپىننىڭ دېڭىز تەۋەلىكى، قاتناش لىنىيەسى بېكىتىلگەن بولۇپ، چەت ئەل پاراخوتلىرى ۋە ئايروپىلانلىرىنىڭ دېڭىزدا يۈرۈشى ئۈچۈن مەخسۇس لىنىيە ئايرىلغان. ئۇندىن باشقا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى تۈرمىگە تاشلاش، جەرىمانە قويۇش قاتارلىق جازالار بېكىتىلگەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈپ، فىلىپپىننىڭ يېڭى قانۇنلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى، بۇ قانۇن مەزمۇنلىرىنىڭ 1982-يىلىدىكى «ب د ت دېڭىز-ئوكيان قانۇنى ئەھدىنامىسى»گە ۋە 2016-يىلىدىكى كېسىم سوتىنىڭ قارارىغا ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

خىتاي بولسا فىلىپپىن ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى قانۇنلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، مەخسۇس بايانات ئېلان قىلدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتىدا فىلىپپىن ھۆكۈمىتىنىڭ «فىلىپپىن دېڭىز-ئوكيان رايونى قانۇنى» ئارقىلىق سىپارتلى ئارىلى ۋە سىكاربورو ئارىلىنى فىلىپپىنغا تەۋە قىلىپ كۆرسەتكەنلىكى، بۇ خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش ئىكەنلىكى، خىتاينىڭ بۇنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقى ۋە قارشى تۇرىدىغانلىقى ھەققىدە جار سالدى.

خىتاي نۆۋەتتە پۈتكۈل جەنۇبىي دېڭىزنىڭ دېگۈدەك ئۆزىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ سەۋەبلىك ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ نارازىلىقى كۈچەيتمەكتە ۋە كۆپلىگەن سۈركىلىشلەر كېلىپ چىقماقتا.

بۇ خەۋەر 3134 قېتىم كۆرۈلدى
09/11/2024 11:58:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق