خىتاي يەنە يۇقىرى دەرىجىلىك ئىككى ئۇيغۇر ئەمەلدارنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىجرا قىلىشقا باشلىغاندىن بۇيان، قورچاق ئەمەلدارلارنىڭ سانىنىمۇ بارغانسېرى ئازايتىۋاتقان بولۇپ، يەنە ئىككى يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇيغۇر ئەمەلدار ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغان.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 14-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتى»نىڭ 15-نۆۋەتلىك يىغىنىدا بىر قىسىم ئەمەلدارلار ئالماشتۇرۇلغان.

خەۋەردە ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت»نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەردان مۇقىيت ۋە ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 14-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى»نىڭ باش كاتىپى مۇتەللىپ روزىنىڭ ئىسپاتنامىسى قوبۇل قىلىنغانلىقى قەيت قىلىنغان. مەردان مۇقىيتنىڭ ئورنىغا ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى»نىڭ نازىرى پەن شى مۇئاۋىن رەئىس بولۇپ تەيىنلەنگەن. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەردان مۇقىيت نۆۋەتتە خىتاي يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقىنىڭ پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىقىغا تەيىنلەنگەن.

ئۇندىن باشقا، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى»نىڭ نازىرى، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى زۇلھايات ئىسمايىلمۇ ۋەزىپىسىدىن ئېلىنغان بولۇپ، ئۇمۇ خىتايغا يۆتكىلىپ، جياڭسۇ ئۆلكىلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىت نازارىتىنىڭ نازارەت رەھبىرى بولغان.

بۇلاردىن سىرت، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەپتىش نازارىتى»نىڭ نازىرى يېربول زىقانمۇ ۋەزىپىسىدىن ئېلىنغان.

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت»نىڭ بۇرۇنقى قورچاق رەئىسى نۇر بەكرىمۇ ئەينى ۋاقىتتا رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىپ، خىتايغا يۆتكىلىپ، خىتاي ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ سېكرېتارى، ئىدارە باشلىقى بولۇپ تەيىنلەنگەنىدى ۋە بىر نەچچە يىلدىن كېيىن «ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش» باھانىسى بىلەن قولغا ئېلىنغانىدى.

خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغاندىن بۇيان، ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق تۈركىي خەلقلەردىن بىر قىسىم قورچاق ئەمەلدارلارنى تاللاپ مەلۇم ۋەزىپىلەرگە قويۇپ كەلگەن بولسىمۇ، يېقىنقى يىللاردا سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە ماس ھالدا، كۆپلىگەن يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇيغۇر ئەمەلدارلارنى تازىلاشقا، سانىنى ئازايتىشقا باشلىغان. بۇ قېتىملىق يىغىندا يەنە ئىككى يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇيغۇر ئەمەلدارنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشى ۋە ئۇيغۇرلارنى قاتتىق باستۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىغان بىر خىتاي ئەمەلدارنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىككە تەيىنلىنىشى شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنىڭ بارغانسېرى ئېغىرلىشىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

بۇ خەۋەر 4065 قېتىم كۆرۈلدى
08/11/2024 12:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق