ما شىڭرۈي قەشقەرگە بېرىپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى تەكىتلىدى

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى»نىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي 4-، 5-نويابىر كۈنلىرى قەشقەر ۋىلايىتىگە تەكشۈرۈشكە بارغان بولۇپ، ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، مۇقىملىقنى قوغداش، ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش» قاتارلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى تەكىتلىدى.

ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ ئالاقىدار خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ما شىڭرۈي بۇ قېتىم يوپۇرغا ۋە مەكىت ناھىيەلىرىگە بارغان بولۇپ، زىيارەت جەريانىدا شى جىنپىڭنىڭ ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدىكى تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەكلىكى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىي رايونىنىڭ «شاھمات كۆزى» ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئىكەنلىكى ھەققىدە جار سالغان.

ئۇ يەنە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش، ئاتالمىش جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمەتلىرىنى چىڭ تۇتۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قاتتىق زەربە بېرىش، يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ساقلاش... قاتارلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىبارىلىرىنى تەكىتلىگەن.

ما شىڭرۈي زىيارەت جەريانىدا يەنە ساقچىخانىلارغا، مەكىت بازىرىدىكى جامە مەسچىتى ۋە يوپۇغا ناھىيەسىدىكى يېڭى بازار مەسچىتىگە بارغان بولۇپ، «دىننى خىتايچىلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش» ئىبارىلىرىنى تەكرارلىغان.

خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، خىتاي سىياسىي كېڭىشىنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ ئالدىنقى ئايدا تۇيۇقسىز شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ، 21-ئۆكتەبىردىن 24-ئۆكتەبىرگىچە خوتەن ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتىنى زىيارەت قىلغانىدى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى داۋاملىق قاتتىق ئىجرا قىلىشقا ئىشارەت قىلغانىدى.

ئۇنىڭ بۇ زىيارىتىدىن كېيىنلا،  ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى» 28-ئۆكتەبىر قەشقەر ۋىلايىتىدە يىغىن ئېچىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەنىدى.

بۇلارغا ماس ھالدا، نۆۋەتتىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ باش ئىجراچىسى ما شىڭرۈينىڭمۇ قەشقەر ۋىلايىتىنى مەخسۇس زىيارەت قىلىشى خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ داۋاملىق ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

بۇ خەۋەر 3709 قېتىم كۆرۈلدى
07/11/2024 19:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق